باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«كۋانت»مۇ ياكى ئالدامچىمۇ؟

− «كۋانت تاۋار» بازىرىنى تەكشۈرۈش

2018.03.15 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئىقتىدارى كۈچلۈك» كۋانت سۇ، كۋانت پايپاق، كۋانت كۆزەينەك، «ھەممىگە شىپا» كۋانت داۋالاش ئەسۋابلىرى، «پايدىسى كۆپ» بولغان كۋانت مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى...

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ كۋانت ئالاقە ئىلىم-پەن سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئاسمانغا چىقىشى، «بېيجىڭ-شاڭخەي غول لىنىيەسى»نىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، «كۋانت» دېگەن نامدىكى بارغانسىرى كۆپ تاۋارلار، سودا پۇرسەتلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، باھاسى قىممەت بولسىمۇ، نۇرغۇن ئىستېمالچىنىڭ ھەميېنىنى بوشاتتى.

  بۇ، «كۋانت تاۋارلار» راستىنلا تەشۋىقاتتىكىدەك «ئاجايىپ»مۇ؟ بۇ يىل 15-مارت ھارپىسىدا، مۇخبىرلار تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

  «كۋانت + تۇرمۇش» __ ھەممىسى ئالدامچىلىق

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى كۋانت ئۇچۇرى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى گو گۇاڭشەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاتالمىش كۋانت سۇ، كۋانت دورا، كۋانت ئوغۇت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاممىنى ئەخمەق قىلىدىغان ئىسىملار بولۇپ، ئەسلىدە پاك بولغان ئىلىم-پەن ساھەسىنى قالايمىقان قىلماقتا. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ تەشۋىقاتلارنىڭ ھەممىسى يالغان، كۋانت بىلەن ئازراقمۇ مۇناسىۋىتى يوق.

  بىر مەھسۇلاتنىڭ كۋانت ياكى كۋانت ئەمەسلىكىدە، نىمىگە قارايمىز؟ ئاكادېمىك گو گۇاڭشەن مۇنداق دېدى: «بىر تاۋارنىڭ كۋانت ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا، ئۇنىڭ كۋانت كىرىشىشچانلىقى، قاتلىنىشچانلىقىنى ئىشلەتكەن ئىشلەتمىگەنلىكىگە قارايمىز، ئەگەر ئىشلەتمىگەن بولسا، ئۇ كۋانت ئەمەس».

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: كۋانت تېخنىكىسىنىڭ ھازىرچە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، نۆۋەتتىكى ئاتالمىش «كۋانت + تۇرمۇش» مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئادەم ئالدايدىغان نەرسە.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى فەن جيەنۋېي مىسال كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ بىر تۇغقىنىنىڭ بىر «كۋانت قۇتىسى»نى مەيدىسىگە ئېسىۋالغانلىقىنى، ئۇ نەرسىنىڭ ھەر كۈنى بەزى نەرسىلەرنى تارقىتىپ، راكقا قارشى تۇرالايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. يەنە بەزىلەر «كۋانت دولقۇن»نى توغاچ ئۈستىگە تارقاتقاندا، بۇ توغاچ ئۆسۈپ چىقىپ، سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىق بولىدۇ، دەپ يۈرگەن. «بۇ كىشىلەرگە ئەينى يىللىرى بەزىلەرنىڭ ئاتالمىش «نانومېتىرلىق سۇ»نى كۆپتۈرگەنلىكىنى ئەسلىتىدىغان بولۇپ، ئادەم يا كۈلۈشنى، يا يىغلاشنى بىلمەي قالىدۇ».

  كۋانت ساھەسىدىكى بىر داڭلىق ئالىم ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە: «كۋانت ئۇقۇمى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا، ھەر خىل ئاپپاراتلار ئۆچرەتتە تىزىلىپ مەبلەغ سېلىش نورمىسى ساقلاۋاتقاندا، ئەگەر بىر مەبلەغ باشقۇرۇش پىلانى ياكى روزغار باشقۇرۇش مەھسۇلاتى سىزنى بىر ئىستىقباللىق كۋانت شىركىتىگە مەبلەغ سېلىشقا تەكلىپ قىلسا، ئۆلچىمى يۇقىرى ئەمەس، نەچچە يۈز مىڭ يۈەن بولسىلا بولىدۇ، دېسە، قەتئىي ئېھتىيات قىلىڭ. مەبلەغ سېلىشتا ئېھتىياتچان بولۇپ، ئالدامچىنى كۋانت دەپ قالماڭ»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر