باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاپتاپتا كۆزئەينەكسىز يۈرۈپ بېرىش يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا پايدىلىق

2018.02.28 17:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتاپسىنىپ بېرىشنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا بولغان پايدىسى ناھايىتى كۆپ. يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات يۇرتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا، كۆپرەك ئاپتاپسىنىپ بەرسە، يەنە تېخى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىمۇ پايدىلىق، دېدى.

  تەجرىبە داۋامىدا، تەتقىقاتچىلار تۇخۇمدىن چىققىنىغا ئالتە كۈن بولغان چۈجىلەرنى سىناق ئۈچۈن يىغىپ، ئۇلارغا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى پەيدا قىلىدىغان تەجرىبىنى قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن يەنە سولياۋ كۆز توسقۇچ بىلەن ئۇلارنىڭ ئوڭ كۆزىنى توسۇپ قويغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، بۇ چۈجىلەرنىڭ سول كۆزىنى ئۇدا يەتتە كۈن، كۈنىگە 12 سائەتتىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا يالتىراق نۇرلار، ئۇلترا بىنەپشە نۇرلار، كۆك نۇرلار ۋە B دولقۇنلۇق ئۇلترا بىنەپشە نۇرلار بىلەن ئۇچىراشتۇرغان.

  نەتىجىدە، 360~400 نانومېتىرنىڭ ئۇزۇن دولقۇنلۇق ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاشتىكى ئۈنۈمىنىڭ باشقا بىر نەچچە خىل نۇرلارغا قارىغاندا ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇنىڭدىن كېيىنلا، ئالىملار يەنە يىراقنى كۆرەلمەس كېسىلى بار بەزى بالىلارغا قارىتا تەجرىبە ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان. بۇنىڭدا، تەتقىقاتچىلار ئۇ بالىلارنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلگەن، ھەمدە ئۇ ئۈچ گۇرۇپپىدىكىلەرگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن "تولۇق ساقلايدىغان"، "قىسمەن ساقلايدىغان" ۋە "ھىچقانداق ساقلىمايدىغان" ئۈچ خىل ئەينەكنى تاقاپ كۆرگەن. تەجرىبە نەتىجىسىدە شۇنى بايقىغانكى، ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن ھىچقانداق ساقلىمايدىغان ئەينەكنى تاقىغان گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان.

  ھازىرقى جەمئىيەتتە، كىشىلەر ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن مۇداپىئەلىنىشتىكى ھەر خىل ھەر ياڭزا بۇيۇملارنى ئىشلىتىدۇ، مەسىلەن، ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن ساقلاش كۆزئەينىكى ۋە LEDلىق چىراغ تۈرىدىكى سۈنئىي يورۇقلۇق مەنبەلىرى دېگەندەك. تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: ئۇلترا بىنەپشە نۇر بولسا، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتىكى مۇھىم مۇھىت ئامىلىنىڭ بىرى. شۇڭا، گەرچە دوختۇر سىزگە كۆزئەينەك تاقىغۇزغان بولسىمۇ، سىزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىڭىز يەنىلا بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان بولسا، سىز ئاۋۋال كۆزئەينىكىڭىزنىڭ لىنزا تىپىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، بۇ مەسىلە بەلكىم كۆزئەينىكىڭىزنىڭ لىنزىسى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى توسۇپ قالغانلىقتىن كېلىپ چىققان كاشىلا بولسا كېرەك.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: كۆز ئاسراشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولسا، ھەر كۈنى سىرتقا چىقىپ چېنىقىپ، كۆزنى كۆزئەينەكسىز ھالدا ئاپتاپ بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ تۇرۇشتۇر. شۇڭا، ھەر كۈنى سەھەردە ياكى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 ئەتراپىدا سىرتقا چىقىپ، كۆزنى كۆزئەينەكسىز ھالدا 20 مىنۇتچە ئاپتاپسىندۇرسا بولىدۇ، ئەمما، قۇياشقا بىۋاسىتە قاراشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر