باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھەر ھەپتىدە بېلىق يېگەندە ئۇيقۇ ياخشىلىنىپ، ئەقلىي قابىلىيەت يۇقىرى بولىدىكەن

2018.02.26 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاچپاقىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بېلىق گۆشى ناھايىتى ياخشى ئاقسىل مەنبەسى، دائىم بېلىق يېگەندە قاندىكى ماي ۋە خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ قالماستىن، يەنە يۈرەك كېسىلىنىڭ خەۋپ-خەتىرى تۆۋەنلەيدۇ.

  يېقىندا، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە يەنە بىر قېتىم «بېلىق يېيىشنىڭ ياخشى تەرىپى» ئىسپاتلاندى، يەنى ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم بېلىق يەيدىغان بالىلار بېلىقنى ناھايىتى ئاز يەيدىغان، ھەتتا بېلىق يېمەيدىغان بالىلارغا قارىغاندا ئۇيقۇسى ياخشى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەقىل بۆلۈنمىسى نومۇرى تۆتتىن بىر قىسىم يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېلىق تەركىبىدىكى مول بولغان ω-3 ياغ كىسلاتاسى (omega-3s) نىڭ زېھنى قابىلىيەتنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن، يەنە تېخىمۇ ياخشى ئۇخلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  تەتقىقات سانلىق مەلۇماتىدىن بايقىلىشىچە، بېلىق يېيىش قېتىم سانى ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىمدىن كەم بولمىغان بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى سىنىقىدىكى نۇمۇرى بېلىقنى «ناھايىتى ئاز» يەيدىغان ياكى ئەزەلدىن يېمەيدىغان بالىلارنىڭكىدىن 4.8 نومۇر يۇقىرى بولغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا بېلىق ئىستېمالىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئۇيقۇنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنىڭ ئازىيىشى مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، يەنى ئۇخلاش سۈپىتىنىڭ بىۋاسىتە ئېشىشى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. نۆۋەتتە، تەتقىقاتچىلار ھازىرقى كۆزىتىش خاراكتېرلىك تەتقىقاتنى يەنىمۇ تولۇقلاپ، بېلىق يېيىشنىڭ ئۇيقۇنى، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ياخشىلايدىغان- ياخشىلىمايدىغانلىقى، شۇنداقلا رېئال تۇرمۇشتا باشقا ئەمەلىي نەتىجىسى بار- يوقلۇقىنى بېكىتىشنى ئۈمىد قىلماقتا ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر