باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك 69434

2018.02.26 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېنەن ئۆلكىسى دوڭفېڭ شەھەرلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ شۇتاۋ ساغلاملىق توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك مەسلىھەت بەردى.

  ئالتە ئاز بولۇش: تۇز ئاز، ئاچچىقسۇ كۆپ بولۇش، قەنت ئاز، مېۋە كۆپ بولۇش، گۆش ئاز، كۆكتات كۆپ بولۇش، دورىنى ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىش، ئاز ئۇخلاپ كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئاز غەم قىلىپ كۆپ ئۇخلاش لازىم؛

  توققۇزنى دائىم قىلىش: دائىم چاچ تاراش، يۈزنى دائىم سۈرتۈش، بۇرۇننى دائىم ئۇۋۇلاش ، پۇتنى دائىم سوزۇش، كۆزنى دائىم ھەرىكەتلەندۈرۈش، چىشنى كاسىلدىتىپ تۇرۇش، قورساقنى دائىم ئايلاندۇرۇش، قۇلاقنى دائىم چېكىپ قويۇش، مەقئەتنى دائىم كۆتۈرۈپ قويۇش.

  تۆت تەكلىپ: بالىدەك قەلب، چۈمۈلىدەك ئىشتىھا (ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم غىزالىنىش)، تاشپاقىدەك ئىستەك (مەنسەپ- مەنپەئەت قوغلاشماسلىق)، مايمۇندەك ھەرىكەت (كۆپ ھەرىكەت قىلىش).

  ئۈچ راۋان بولۇش: قان تومۇر راۋان بولۇش، قەلب راۋان بولۇش، ئاشقازان- ئۈچەي راۋان بولۇش، بۇ ئارقىلىق يېيەلەيدىغان، ئۇخلىيالايدىغان، پاكىز تەرەت قىلالايدىغان، كۆڭلى خاتىرجەم بولۇش.

  تۆت پەرھىز:

  بىرىنچى: ئۇزۇن ئولتۇرۇشتىن پەرھىز تۇتۇش، «ئۇزۇن ئولتۇرۇش گۆشنى زەخىملەندۈرىدىغان» بولۇپ ، ياشانغانلارنىڭ بەدەننى ھەرىكەتلەندۈرۈشى قولايسىز بولغاچقا، ئۇزۇن ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرۈدۇ، گەرچە ئولتۇرۇش ھاردۇق چىقىرىشتىكى بىر خىل زۆرۈر ئارام ئېلىش ئۇسۇلىنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئولتۇرۇش مۇسكۇللارنى ئاسانلا چېكىندۈرىدۇ ۋە تارايتىۋېتىدۇ. دېمەك، ياشانغان دىئابىت كېسىلى بىمارلىرى كۆپرەك پىيادە مېڭىپ بېرىشى، كۆپ ھەركەت قىلىشى لازىم، «كۆپ مېڭىش» ساغلاملىق يولىدۇر.

  ئىككىنچى: ئۇزۇن ئۆرە تۇرۇشتىن پەرھىز تۇتۇش، «ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرۇش سۆڭەكنى زەخىملەندۈرىدۇ»، ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرۇپ مىدىرلىمىغاندا، مۇسكۇللارنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە ئەۋرىشىمچانلىقى ئاجىزلايدۇ، سۆڭەكنىڭ چۈرۈكلىكى چوڭىيىدۇ، تاشقى كۈچنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىسىلا سۆڭەك سۇنۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزۇن ئۆرە تۇرۇش يەنە قىسمەن توقۇلمىلار ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوزۇقلۇقىنى تەڭپۇڭسىزلاشتۇرۇپ، يەل تۇرۇپ قېلىش ۋە قان ئۇيۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئۈچىنچى: ئۇزۇن ۋاقىت كۆرۈشتىن پەرھىز تۇتۇش، «ئۇزۇن ۋاقىت كۆرۈش قاننى زەخىملەندۈرىدۇ»، ئۇزۇن ۋاقىت ئوقۇش ۋە تېلېۋىزور كۆرۈش كۆز ئىچكى مۇسكۇلى، كۆز سىرتقى مۇسكۇلىنىڭ كۈچىنى سەرپ قىلىپلا قالماي، ئېنېرگىيە سەرپ قىلىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇزۇن ۋاقىت كۆرۈش قان ۋە ماغدۇرنى زەخىملەندۈرۈپ، كۆپ خىل كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.

  تۆتىنچى: ئۇزۇن ۋاقىت يېتىشتىن پەرھىز تۇتۇش، «ئۇزۇن يېتىش ماغدۇرغا زىيان يەتكۈزىدۇ»، دەم ئېلىش ۋاقتى مۇۋاپىق بولۇش لازىم، ئەمما ھەددىدىن ئارتۇق ئۇيقۇچان بولۇش ياكى قوپماي يېتىش بەدەننى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، «ئەتىياز ۋە يازدا بالدۇر ئۇخلاپ، سەھەر تۇرۇش، كۈز پەسلىدە كەچ يېتىپ، سەھەر تۇرۇش، قىش پەسلىدە بالدۇر يېتىپ كېيىن تۇرۇش» لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر