باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دائىم ئۇسسۇل ئوينىغاندا ئەقىللىق بولغىلى بولىدىكەن

2018.02.14 11:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇسسۇل ئويناش سالامەتلىككە پايدىلىق ھەرىكەت، كشىىنى شادلاندۇرۇدىغان بىر خىل ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇسۇلى. ئەنگلىيەدىكى بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، دائىم ئۇسسۇل ئوينىغاندا ئادەم تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدىكەن.

  يېڭى تەتقىقاتنى ئەنگلىيە كوۋېنترى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن تەتقىقات ئۆمىكى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان بولۇپ، تەتقىقاتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە، سىناققا قاتناشقانلار ئاساسلىقى تەدبىر بەلگىلەش ماھارىتى، كاشىلىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىمنىڭ سۈرئىتىگە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار پىسخىكىلىق باھالاشنى تاماملىغان. ئارقىدىن، ئۇلارنىڭ ئۇسسۇل تىرېنېرى ۋە ھەرىكەت ئالىملىرى بىرلىكتە يېتەكچىلىك قىلغان 30 مىنۇتلۇق سارسال ئۇسسۇلى دەرسلىكىگە قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنغان. بۇ ئۇسسۇلنى ئۆگىنىش جەريانىدا، ئۇسسۇل قەدىمى بارغانسېرى تېزلىشىپ، بارغانسېرى مۇرەككەپلەشكەن، دەرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سىناققا قاتناشقانلار يەنە بىر قېتىم پىسخىكىلىق باھالاشقا قاتناشقان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ 30 مىنۇتلۇق سارسال ئۇسسۇلى دەرسلىكىگە قاتنىشىش ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى چۈشىنىش ئىقتىدارى %8 ئۆسكەن، دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارى %13 ئۆسكەن، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى %18 ئۆسكەن.

  بۇ تەتقىقاتنىڭ باش ئاپتورى، كوۋېنترى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى مايكىل دۇنكاننىڭ دېيىشىچە، تەتقىقاتچىلار باشقا ھەرقانداق ھەرىكەت ئۇسۇلىنىڭ بۇنچىلىك مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش ئۈنۈمى بارلىقىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، سارسال ئۇسسۇلى چوڭ مېڭىنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەش ئىقتىدارىغا قارىتا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «كۇبا ئۇسلۇبىدىكى سارسال ئۇسسۇلى ئۇسسۇلچىلاردىن ئوخشاش بولمىغان مۇزىكا ئۇسلۇبىدىكى يېڭى ئۇسۇل قەدىمىنى ئۆگىنىش ۋە ئەستە تۇتۇشنى ھەمدە ئۇلاردىن مۇزىكا رىتىمىغا يېتىشىپ مېڭىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ، ئۇسسۇلچىلارنىڭ دىققەتنى چاچماسلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بۇ خىل ئۇسسۇلنى ئويناش ھەم بەدەننى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، يەنە تونۇش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدۇ، بۇ جەريان بەدەننى ۋە مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇشقا پايدىلىق».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر