باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى تارقىلىش خەۋپى ئېشىشى مۇمكىن

2018.02.08 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ۋە بېيجىڭ شەھىرىدە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ قوزغۇلۇشى يەنىلا قىش پەسلىدىكى يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا. ئالدىنقى كۈنى، شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى بۇ يىل 1-ئايدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئەڭ يېڭى نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تارقىلىشچان زۇكام ئالدىنقى ئايدىكىدىن %130.71 ئۆرلىگەن. مۇتەخەسسسىلەر ئاممىنى شۇنداق ئەسكەرتىدۇكى، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە ئادەم كۆپ بولۇپ، تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش خەتىرى ئېشىشى مۇمكىن.

  شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بېيجىڭدا C تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىدا، تارقىلىشچان زۇكام، باشقا يۇقۇملۇق ئىچ سۈرۈش كېسىلى ۋە قول-پۇت-ئېغىز كېسىلى قاتارلىقلار ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، C تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەل دوكلاتى ئومۇمىي سانىنىڭ %99.76نى ئىگىلىگەن. چاغاننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلاندى، نوپۇسنىڭ يۆتكىلىشى كۆپەيدى، ۋوگزال، ئايرودروم، يولۇچى توشۇش بېكىتى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا ئادەم كۆپ، قىستاڭچىلىق بولۇپ كېتىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش راۋان بولماسلىقتىن تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى تېخىمۇ ئاسان تارقىلىدۇ.

  كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مۇتەخەسسىسلىرى تۆۋەندىكىدەك ساغلاملىق تەكلىپى بەردى: يولدا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش بىلەن بىللە، يەنە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش، ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش لازىم؛ قىش پەسلىدە ھاۋا سوغۇق، ئۆي ئىچى-سىرتى، ۋاگون ئىچى ۋە سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ كىيىمنى قېلىنراق كىيىش ياكى نېپىزرەك كىيىش لازىم؛ ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ھىم ئېتىلگەن شارائىتتا ئۇزۇن تۇرۇشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك؛ قولىمىزدا تۇتقۇچ قاتارلىق جامائەت بۇيۇملىرىنى تۇتقاندىن كېيىن، ۋاقتىدا قول يۇيۇش ياكى قول سۇيۇقلۇقى، دېزىنفېكسىيە نەم لاتىسى قاتارلىق تازىلىق بۇيۇملىرى ئارقىلىق پاكىز سۈرتىش لازىم؛ سەپەر جەريانىدا كۆز، ئېغىز ۋە بۇرۇن شىللىق پەردە ئورنىنىڭ قول بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش؛ پويىز، ئايروپىلان قاتارلىق ھىم ئېتىلگەن قاتناش قوراللىرىدا ئولتۇرغاندا، ماسكا تاقاش لازىم.

  يۆتەلگەن ۋە چۈشكۈرگەن يولۇچىلارغا ئۇدۇل يۈزلىنىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك؛ كېسەل بولغاندا ئىمكانقەدەر ئاممىۋى قاتناش قورالىغا ئولتۇرماسلىق، ياخشى بولغان نەپەس يولى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، يۆتەلگەن ياكى چۈشكۈرگەندە قولياغلىق ياكى قەغەز بىلەن ئېغىز-بۇرنىنى دالدىلاش كېرەك؛ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ۋاقتىدا قول يۇيۇش، ئەڭ ياخشىسى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى سوپۇن، ئەتىرسوپۇن، ئېقىن سۇ بىلەن پاكىز يۇيۇش لازىم؛ سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلغاندا، شۇ جايدىكى تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، مۇددەتتىن بۇرۇن ئالاقىدار كېسەللىكلەردىن شەخسىي قوغدىنىشنى ياخشى ئىشلەش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر