باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

قان تەكشۈرتۈش نەتىجىسىدە، بەلكىم كۆپ كۆرۈلىدىغان سەككىز خىل راك ئاشكارىلىنىشى مۇمكىن، ئەمما، تەكشۈرتۈشنىڭ تەننەرخى 500 ئامېرىكا دوللىرىغىمۇ بارمايدۇ

2018.01.22 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا يوھانس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىر خىل «سۇيۇق تىرىك توقۇلمىلارنى تەكشۈرۈش» ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. قان تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، جىگەر راكى، ئاشقازان راكى، سۈت بېزى راكى، تۇخۇمدان راكى، ئۇيقۇلۇق (ئاشقازان ئاستى بېزى) راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، بوغماق ئۈچەي ۋە تۈز ئۈچەي راكى ۋە ئۆپكە راكى قاتارلىق كۆپ ئۇچرايدىغان بۇ سەككىز خىل راك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى.

  تەكشۈرۈش تۈر نامى «Cancersee» بولغان بۇ تۈردىكى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، قاندىكى ئۆزگىرىش دېئوكسىسىىنى، يەنى راك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۆزگىرىش دېئوكسى رىبونۇكلېئىك كىسلاتا (DNA)نى ۋە ئاقسىلنى بايقىيالايدىكەن. تەتقىقاتچىلار راك كېسىلى بار، دەپ دىياگنوز قويۇلغان، لېكىن كېسىلى تېخى تارقالمىغان 1005 نەپەر بىمارغا قارىتا بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ تەكشۈرۈش قىلغان. بۇنىڭ بىلەن، سەككىز خىل راك كېسىلىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %33دىن %98گىچە دېگەندەك ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بولغان؛ بۇنىڭ ئىچىدە، تۇخۇمدان راكى، جىگەر راكى، ئاشقازان راكى، ئۇيقۇلۇق راكى ۋە قىزىلئۆڭگەچ راكىنىڭ تەكشۈرۈلۈش توغرىلىق نىسبىتى %69دىن يۇقىرى بولغان.

  بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ساغلام ئادەمگە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دەپ خاتا دىياگنوز قويۇلغان-قويۇلمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار 812 نەپەر ساغلام ئادەمگە بۇ خىل ئۇسۇلنى سىناق قىلپ قوللىنىپ كۆرگەن. نەتىجىدە، بۇ 812 نەپەر ساغلام ئادەمدىن ئاران يەتتە ئادەمدە راك كېسىلى بار ئىكەن، دەپ دىياگنوز قويۇلغان. دېمەك، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە %1كە يەتمىگەن كىشىدە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىق ئالامىتى كۆرۈلگەن.

  بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ تەننەرخى 500 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 3201 يۈەن خەلق پۇلى)غىمۇ بارمايدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا ماقالە يېزىپ، بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ راك كېسىلىنى بالدۇر بايقاشتا ۋە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇردى.

  بىراق، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ راك كېسىلىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈش-تەكشۈرەلمەسلىكىدىن گۇمانلانماقتا. ئەنگلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى راك كېسىلى مۇتەخەسسىسى پاۋلو فارو «تايمىس گېزىتى»دە مۇنداق دېدى: بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ سىناش ئوبيېكتلىرى بولسا، راك كېسىلى بار، دەپ دىياگنوز قويۇلغانلاردۇر. شۇڭا، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق، (راك)نى بالدۇر بايقاشنى يەنىمۇ چوڭ بىر قەدەم ئالدىغا سىلجىتىلش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، دېيىش تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەنىلا ئىستىقبالى ياخشى بولغان بىر تېخنىكا، پەقەت تېخى دەلىللەنمىگەنلا يېرى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر