باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاياللارنىڭ بىلىش ئىقتىدارى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن

2018.01.16 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەزى ھامىلىدار ئاياللار دائىم «ھامىلىدار بولغاندىن بېرى دۆتلىشىپ كەتتىم» دەپ ئۆزىنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئاۋسترالىيە ئالىملىرىنىڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى قاتارلىق بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ھەقىقەتەن ئومۇميۈزلۈك ھادىسە ئىكەن، لېكىن بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭ ئەمەس ئىكەن.

  «ئاۋسترالىيە تېببىي ژۇرنىلى»نىڭ 15-يانۋار ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئاۋسترالىيە دېئاكىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى مۇشۇ تەتقىقاتقا ئالاقىدار 20 سانلىق مەلۇماتنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرامىغا يەتكەن 709 ساغلام ھامىلىدار ئايال ۋە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بولمىغان ساغلام، قۇرامىغا يەتكەن 521 ئايال بار ئىكەن، نەتىجىدە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىكى بىلىش ئىقتىدارىنىڭ ھامىلىدار ئەمەس ئاياللارغا يەتمەيدىغانلىقى بايقالغان. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدار ئەمەس ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ ئايلىق ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئومۇمىي جەھەتتىكى بىلىش ئىقتىدارى، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىدا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش بولىدىكەن، لېكىن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئالدىنقى ئالتە ئېيىدا بۇ خىل پەرق ۋە ھالەت بايقالمايدىكەن.

  بۇ تەتقىقاتتا دېيىلىشىچە، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئادەتتە پەقەت ھامىلىدار ئاياللار ئۆزى ياكى ئۇنىڭ تۇغقانلىرى دىققەت قىلىدىكەن، بۇ خىل تۆۋەنلەش كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر قىلمايدىكەن، لېكىن ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە بولغان كونكرېت تەسىرىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر