باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يان تېلېفونغا «تايىنىپ قېلىش كېسىلى»گە دىققەت قىلىش: يېرىمغا يېقىن تەكشۈرۈلگۈچىلەر ئۆزىنىڭ ھەمراھىنىڭ يان تېلېفوننى زىيادە ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېتتى

2018.01.11 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- يانۋار بېيجىڭدا ئېلان قىلىنغان «2017- يىلى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئىستېمالچىلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىق تەسىرىگە ئەگىشىپ، بەزى ئىستېمالچىلار كۆپىنچە ۋاقتىنى يان تېلېفۇنغا سەرپ قىلىۋېتىپ بارماقتا ئىكەن. تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلغان ئىستىمالچىلار ئىچىدە، يېرىمغا يېقىن كىشىلەر ھەمراھىنىڭ يان تېلېفوننى «زىيادە» ئىشلىتىدىغان ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

  يان تېلېفۇن ئابونتلىرىنىڭ تېلېفون ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن، يۇقىرىقى دوكلاتتا ھەر كۈنى يان تېلېفون كۆرۈش قېتىم سانى 50 قېتىمدىن ئاشقان ئابۇنېنتلارنى «ئېغىر دەرىجىدىكى ئابۇنېنتلار»دەپ بېكىتىپ، 50 قېتىمدىن تۆۋەن بولغان ئابۇنېنتلارنى «يېنىڭ دەرىجىلىك ئابۇنېنتلار»دەپ بېكىتكەن.

  ياش بۆلىكى بويىچە ئايرىپ قارىغاندا، 18 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياشتىكىلەر ئارىسىدا ئېغىر دەرىجىدىكى ئابۇنېنتلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %29، 25- ياشتىن 34- ياشقىچە بولغان ياشتىكىلەر ئارىسىدا ئېغىر دەرىجىدىكى ئابۇنېنتلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %30گە يەتكەن. سېلىشتۇرۇپ ئېيتقاندا، 35- ياشتىن 44- ياشقىچە بولغان ياشتىكىلەر ئارىسىدا ئېغىر دەرىجىدىكى ئابۇنېنتلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %23، 45- ياشتىن 50- ياشقىچە بولغان ياشتىكىلەر ئارىسىدا ئېغىر دەرىجىدىكى ئابۇنېنتلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاران % 18گە يەتكەن.

  مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەھلىلىچە، ياشلارنىڭ يان تېلېفونغا«تايىنىپ قېلىش كېسىلى»گە تېخىمۇ ئاسان گېرىپتار بولۇشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ھازىر ئۇلار دەل «ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ھەممە ئىشنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ»غان دەۋردە تۇرماقتا، شۇڭا ئۇلار يان تېلېفون ئارقىلىق كۆڭۈل ئېچىش، ئىستېمال بۇيۇملىرى سېتىۋېلىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى تېخىمۇ خالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خىزمەت ۋە تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يان تېلېفۇننىڭ ئەمىلى قوللىنىلىشى ئىستېمالچىلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرۇپ كەلمەكتە، بۇ خىل ھالەت ئىستېمالچىلارنىڭ كۆپلىگەن ۋاقتىنىڭ يان تېلېفۇن بىلەن ئۆتۈشى ۋە يان تېلېفۇندىن ئايرىلالماسلىقى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرمەكتە. ئائىلە ئەزالىرى يان تېلېفوننى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئۆزى ۋە ھەمراھىنىڭ يان تېلېفوننى زىيادە ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئابونتلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %51 ۋە %47گە يەتكەن، بالا بىلەن ئاتا– ئانىلارنىڭ يان تېلېفۇننى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىدۇ دەپ قارايدىغان ئابونىتلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئۇنداقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا %30 ۋە %15گە يەتكەن.

  يەنە مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەھلىلىچە، بالىلاردا بۇ خىل كىشىلەرنىڭ نىسبىتىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، مەكتەپ ۋە ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ يان تېلېفون ئىشلىتىشىنى بىر قەدەر قاتتىق چەكلىگەن، بەزى مەكتەپلەر ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە يان تېلېفون ئىشلىتىشىنى ئېنىق مەنئى قىلغان. يان تېلېفوننى زىيادە ئىشلەتكۈچىلەر ئىچىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغان. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننى قوبۇل قىلىش دەرىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئۇلار يان تېلېفوننى ئاساسلىقى تېلېفۇن ئاڭلاش ۋە ئۇرۇشقىلا ئىشلىتىدۇ.

  ئابونتلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلىتىشتىكى كونكىرېت ئالاھىدىلىكىگە قارىتا مەزكۇر دوكلاتتا بىلدۈرۇشىچە، كىشىلەرنىڭ يان تېلېفوننىڭ "ئىجتىمائىي ئالاقە تۈرىدىكى تېرمىناللىرى"نى ئىشلىتىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن. تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان %93 ئىستېمالچىلار ھەر كۈنى ئۈندىدار ئىشلىتىدىغانلىقىنى، %77 ئىستېمالچىلار ھەر كۈنى QQ ئىشلىتىدىغانلىقىنى، %56 ئىستېمالچىلار ھەر كۈنى مىكرو بىلوگ ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  مەزكۇر دوكلاتنىڭ يەنە بىر تەھلىلىشىچە، ئىجتىمائىي ئالاقە تېرمىنالىنىڭ يان تېلېفون تېرمىنالىغا يېتەكچىلىك قىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ، يەنە يان تېلېفون دوستلار بىلەن ئالاقە قىلىدىغان قورال بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇ يەنە كۆپلىگەن ئىقتىدارلارنىڭ جۇغلىنىشنىڭمۇ تەنچىسى بولۇپ قالدى، شۇڭا ئىستېمالچىلار ئۇنىڭدىن ھەر تەرەپلىمە بەھرىمەن بولماقتا. مەسىلەن، ئۇنىڭدىكى چىقىمدان بىلەن پۇل تۆلەش، خىزمەت ئويۇنى ۋە خەۋەر يوللاش قاتارلىق باشقا قوشۇلما قىممەتلىك مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولماقتا.

  بىراق، گەرچە يان تېلېفۇننىڭ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىر دەرىجىسى چوڭقۇرلىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يان تېلېفون تېرمىنالى دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەت شەكلى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن بولماقتا.

  دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلغان ئىستېمالچىلار ئارىسىدا، %62 ئىستېمالچىلار يان تېلېفونغا ئورناتقان تېرمىنالىنىڭ سانى 20 ئەتىراپىدا بولۇپ، تېرمىناللارنىڭ زۆرۈرلۈك دەرىجىسى، ھەمدە يانفۇن بوشلۇقىنىڭ يىتىشمەسلىكى ئىستېمالچىلارنىڭ يان تېلېفونغا تېخىمۇ كۆپ تېرمىنال قاچىلىمىغانلىقىنىڭ مۇھىم ئامىلى بولۇپ قالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر