باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇيقۇ يېتەرلىك بولسا، ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىش ئىقتىدارى ئۆسىدۇ

2018.01.09 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە مۇھىت مېدىتسىناسى تەتقىقات ئورنىنىڭ يېقىندا بايقىشىچە، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشى ۋە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش بۇيۇملىرىنىڭ ئىستېمال قىلىنىپ تۇرۇشى تېرىدىكى يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىغا پايدىلىق ئىكەن.

  تەتقىقاتچىلار ئۈچ گۇرۇپپا پىدائىيلارنىڭ يارا ئېغىزىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى ۋە ئىممۇنولوگىيەلىك رېئاكسىيەسى قاتارلىقلارغا باھالاش ئېلىپ بارغان. بىرىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر بەزلەش دورىسى ئىچكەن ۋە ئۇدا ئۈچ ئاخشام پەقەت ئىككى سائەتلا ئۇخلىغان، ھەمدە مەلۇم مىقداردا يېمەكلىك ئاقسىل ئىستېمال قىلغاندىن سىرت، پەقەت ئادەتتىكى ئىچىملىكنىلا ئىچكەن. ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى بىرىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر بىلەن ئوخشاش بولغان، ئەمما كۆپ مىقداردا ئاقسىل ئىستېمال قىلغاندىن سىرت يەنە ھەر كۈنى ئىككى قېتىم تەركىبىدە ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بولغان ئوزۇقلۇق ئىچىملىكنى ئىچىپ بەرگەن. ئۈچىنچى گۇرۇپپا سېلىشتۇرۇش گۇرۇپپا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر كۈنى كەچتە نورمال ئۇخلىغان. تەتقىقاتچىلار يەنە پىدائىيلارنىڭ بىلەك يۈزەكى قەۋىتىدىكى يارا ئېغىزىدىن بەدەن سۇيۇقلۇقى ئىلىپ، ھەر كۈنى ئىچىدىكى ئىممۇنىتېتلىق بەلگىسىنىڭ سانى ۋە تېرىدىكى يارا ئېغىزىنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتىنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، يارا ئېغىزىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مەزگىلىدە، ئىككىنچى گۇرۇپپا پىدائىيلارنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ياللۇغلىنىشنى چەكلەش خاراكتېرلىك ھۈجەيرە فاكتور ماددىلىرى تېخىمۇ كۆپ بولىدىكەن، بۇ خىل ماددىلارنى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى قويۇپ بېرىدىكەن، ئۇ ھۈجەيرىلەر يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىدىكەن. ئەمما، ئۈچىنچى گۇرۇپپا پىدائىيلارنىڭ تېرىدىكى يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىش ۋاقتى ئالدىنقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ تېز بولۇپ، دەل بىر كۈن تېز بولغان.

  بۇ تۈر تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولسا، ئۇ، يارا ئېغىزىنىڭ ياخشىلىنىشىنىڭ «ياخشى دورىسى» ئىكەن. ئادەتتە تېببىي خادىملار ۋە كېچىدە ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمايدۇ، ئۇنداقلار پەقەت ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلاش ئارقىلىقلا يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتەلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر