باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

كۆز تالغاندا، كۆزگە دورا تېمىتىپلا قويغانغا بولمايدۇ

2018.01.04 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆرۈش قۇۋۋىتى چارچاش ھازىر كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، بۇنىڭدا بىمارلاردىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆپ خىل بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر كۈن بويى كومپيۇتېر ئويناش، يان تېلېفونغا قاراش، تۈن بويى كىرپىك قاقماي ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش سەۋەبلىك كۆزىنى ھەددىدىن ئارتۇق ئىشلىتىۋەرگەنلىكتىن، كۆرۈش قۇۋۋىتى چارچاش پەيدا بولىدۇ، بەزى كىشىلەردە ھەتتا كۆزى سانجىپ ئاغرىش، ئىششىپ قالغاندەك تۇيغۇ بولۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش قاتارلىق تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، كۆپىنچە كۆز چانىقى ئەتراپى ئاغرىش، نەرسىلەرنى كۆرۈش غۇۋالىشىش، كۆز قۇرغاقلىشىش، ياش ئېقىش قاتارلىق ئەھۋاللار ئەگىشىپ كېلىدۇ، ئېغىر بولغاندا باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش پەيدا بولىدۇ. كۆرۈش قۇۋۋىتى چارچاش مۇستەقىل كېسەللىك ئەمەس، بەلكى كۆپ خىل سەۋەبلەردىن پەيدا بولىدىغان بىر گۇرۇپپا چارچاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىدۇر.

  كۆرۈش قۇۋۋىتى چارچاش ئەھۋالى ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغانلىقتىن، كۆرۈش ھارغىنلىقنى پەسەيتىش ئاساس قىلىنغان نۇرغۇن كۆز دورىلىرى بارلىققا كەلدى. بىراق، كۆز دورىسىنى خالىغانچە تېمىتىش بولسا، ئۇ بىر خىل خاتا قىلمىش. توغرا ئۇسۇل بولسا: كۆرۈش قۇۋۋىتى چارچاش بىمارلىرىنىڭ ئوخشىمىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۆز دورىسىنى تاللاپ ئىشلىتىشتۇر. يەنە دىققەت قىلىش كېرەككى، ئۇزۇن مۇددەتكىچە كۆز دورىسىنىڭ پەقەت بىر خىلنىلا ئىشلىتىۋەرمەسلىك، بىر خىلنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى باشقا خىلىنى ئالماشتۇرۇپ بېقىش كېرەك. تەركىبىدە قان تۇمۇرنى تارايتىش رولى بار كۆز دورىلىرىنى ئۇزاق مەزگىل ئۇدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا كۆز قۇرغاقلىشىش ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپىنچە كۆز دورىلىرىنىڭ تەركىبىدە چىرىشتىن ساقلاش دورىسى بار. ئادەتتىكى ئورالمىلىق كۆز دورىسىنى ئادەتتە تۆت ھەپتە ئەتراپىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بوتۇلكا ئاغزىنى كۆپ قېتىم ئاچقاندا، باكتېرىيە بىلەن بۇلغىنىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، دورىلارنىڭ مىكروپسىزلىق ۋە ئۈنۈم بېرىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن، ئادەتتە ھەممىسىنىڭ ئىچىگە چىرىتمەس دورا قوشۇپ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. گەرچە مىكرو مىقتاردىكى چىرىشتىن ساقلاش دورىسىنىڭ كۆزگە بولغان زىيىنى چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن كۆپ قېتىم كۆز دورىسى ئىشلىتىش، كۆزگە زىيانلىق بولۇشى، نورمال ياش پەردىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مۈڭگۈز پەردە ئۈستۈنكى تېرە ھۈجەيرىسىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  بەزى كۆز دورىلىرىنى تەشۋىق قىلغاندا، ساتقۇچىلار «يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ» دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ، بۇ يەردە كۆپچىلىكنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، كۆز دورىسى پەقەتلا كۆرۈش قۇۋۋىتى چارچاشنى پەسەيتىدۇ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى پەسەيتەلمەيدۇ.

  كۆرۈش قۇۋۋىتى چارچاشنى پەسەيتىشتە، ئەڭ تۈپ ئۇسۇل — تۈرلۈك سەۋەبلەرنى يوقىتىش، كۆز تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، خىزمەت ۋە ئوقۇش مۇھىتى يورۇق ۋە يېقىشلىق نۇر ئاستىدا بولۇشى كېرەك؛ تېلېۋىزور كۆرۈش، تورغا چىقىشتا ئۆزىگە ھاي بېرىش، دەم ئېلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم.

  كۈندىلىك تۇرمۇشتا يەنە يېمەك-ئىچمەك ۋە ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان مېۋە- كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن D مول بولغان بېلىق، تۇخۇم، كالا سۈتى، سەۋزە قاتارلىق يېمەكلىكلەر كۆز چارچاش ھالىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.

  ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئەگەر كۆرۈش قۇۋۋىتى چارچاش ئۇزاق ۋاقىت ھەل قىلىنمىسا ياكى ئېغىرلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دوختۇرخانىغا بېرىپ مەخسۇس تەكشۈرتۈش، كېسەللىك ئەھۋالىغا دەخلى قىلماسلىق لازىم. (جۇڭگو دورىگەرلىك ئىلمىي جەمئىيىتى دورىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش پەن- تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش تارقىتىش مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر