باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

باشنىڭ يېرىمى ئاغرىسا كەينىگە سۈرمەي بالدۇرراق داۋالىنىش كېرەك

2018.01.03 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلق دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر مۇدىرى گو خۇەيلىيەن «خەلقنىڭ ياخشى دوختۇرى» دېگەن تېرمىنالدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش جەريانىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش ئاغرىش ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلارغا كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن بىمارلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئاساسلىق كېسەللەرنىڭ بىرىدۇر. باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇ خىل ئاغرىش بىرلەمچى باش ئاغرىش ۋە ئىككىلەمچى باش ئاغرىش دەپ ئايرىلىدۇ.

  گو خۇەيلىيەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىرلەمچى باش ئاغرىش بولسا، مەلۇم بىر كېسەللىكنىڭ سەۋەبى ئېنىق بولمىغان باش ئاغرىش، ئاساسلىقى باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش ۋە توپلىنىش خاراكتېرلىك باش ئاغرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ بارلىق باش ئاغرىشلارنىڭ %80نى ئىگىلەيدۇ. ئىككىلەمچى باش ئاغرىشنىڭ سەۋەبى بولسا، ئۇنىڭ بىر قىسىمى باش سۆڭەك ئىچىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، مېڭىگە قان چۈشۈش، مېڭە ياللۇغى، مېڭە تاشقى جەھەتتىن زەخىملىنىش ۋە پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك، دېگەندەك. مەسىلەن، بۇنىڭ ئىچىدە قىزىش ۋە دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش قاتارلىقلار بار.

  گو خۇەيلىيەن مۇنداق دېدى: باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل بىرلەمچى باش ئاغرىشتۇر. بۇ ئاغرىشنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى تەخمىنەن %10كە يېتىدۇ. ئەگەر پۈتۈن دۇنيادىكى ئاھالىنى ئالتە مىليارد نوپۇس بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر يىلدا تەخمىنەن 600 مىليون ئادەمدە بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىش كېسىلى بولىدۇ. بىمارنىڭ بېشى ئاغرىشى قوزغالغاندا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، بىئارام بۇلۇش، ھىرىش، يورۇقلۇقتىن قورقۇش ۋە نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا، خىزمەت، تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ۋاقتىدا دىياگنوز قويدۇرۇش ۋە توغرا داۋالىتىش باش ئاغرىش قوزغىلىشنى پەسەيتىش ۋە كونترول قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم تەدبىرىدۇر.

  گو خۇەيلىيەن يەنە مۇنداق دېدى: ئەگەر باش ئاغرىشى ئۇزۇن مۇددەتكىچە تەكرار قوزغالسا، ئۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنداق ئەھۋالدا، ئۇنى داۋالاش تېخىمۇ تەس بولىدۇ. باش ئاغرىشتىن قىينىلىۋاتقان كىشىلەر بالدۇرراق دوختۇرغا بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك. ھازىر بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلار باش ئاغرىشنى داۋالاش كەسپىي ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلدى، شۇ ئارقىلىق، باش ئاغرىش ئالامەتلىرى بار بىمارلارنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر