باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

پەمىدۇر ۋە ئالمىنىڭ پايدىسى: ئۇلار تاماكا تاشلىغانلارنىڭ ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىگە پايدىلىق ئىكەن

2017.12.27 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېڭى پەمىدۇر ۋە ئالما قاتارلىق مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپ يېيىش ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن.

  ئەنگىليە ئېمپىرىيە تەبىئى پەن ئىنىستىتۇتى ۋە ئامېرىكا جونىس-خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى بلومبېر ئاممىۋى سەھىيە ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرى «ياۋروپا نەپەسلىنىش ئىلمى ژۇرنىلى»نىڭ يېڭى بىر سانىدا بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.

  10 يىل داۋام قىلغان ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، تەتقىقاتچىلار گېرمانىيە، نورۋېگىيە ۋە ئەنگلىيەدىكى 650تىن كۆپرەك قۇرامىغا يەتكەنلەرگە قارىتا ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئۆلچەش سېلىشتۇرمىسى ۋە يېمەك-ئىچمەككە ئائىت سوئال-جاۋابلىق تەكشۈرۈش دېگەندەك تەتقىقىاتلارنى ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە، باشقا ئامىللارنى چىقىرىۋەتكەندە، قۇرامىغا يەتكەنلەر تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن، ئەگەر يېمەكلىك تەركىبىدە شوخلا ۋە مېۋە-چېۋە (بولۇپمۇ ئالما) مول بولسا، ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتى تېخىمۇ ئاستا بولىدىغانلىقى بايقالغان.

  كونكىرت قىلىپ ئېيىتقاندا، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر تالدىن ئاز پەمىدۇر ياكى بىر پارچىدىن ئاز مېۋە يېگەن كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ئىككىدىن ئارتۇق پەمىدۇر ياكى ئۈچتىن ئارتۇق يېڭى مېۋە-چېۋە ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى تېخىمۇ ئاستا بولغان.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى بەزى تەركىبلەرنىڭ تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۆپكە زەخىملىنىشىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىگە پايدىسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، پەمىدۇر ياكى مېۋىلەرنىڭ يېيىش ئۇسۇلى بەك مۇھىم، پەقەت يېڭى پىشقان پەمىدۇر ۋە مېۋىلەرنىڭلا ئۆپكىنى قوغداش رولى بار. ئەگەر بۇ تەركىبلەر قورۇمىلار ياكى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەردىن ئىستىمال قىلىنغان بولسا، ئۇلاردا تېخى بۇ خىل ئۈنۈم بايقالمىدى.

  ئۇلار شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شۇنىمۇ بايقىغانكى، مەيلى ئىلگىرى تاماكا چەككەن بولسۇن-بولمىسۇن، قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە دائىم پەمىدۇر يېگەندە، ئۇ، ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ ئاستىلىشىشىغا پايدىسى بولغان، بۇنىڭ تاماكا تاشلىغۇچىلاردا ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغان.

  تەتقىقاتقا قاتناشقان بلومبېر ئاممىۋى سەھىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى ۋانىشا گارسىيە-لارسون مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىدا، تاماكا تاشلىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېمەك-ئىچمەكنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇلارنىڭ ئۆپكە زەخىملىنىشتىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسى بولىدىغانلىقى بايقالدى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، گەرچە تاماكا چەكمىگەن تەغدىرمۇ، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپ يېگەندە، ئۇ، ئۆپكىنىڭ تەبىئىي قېرىش جەريانىنى كېچىكتۈرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر