باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

قىشلىق چېنىقىشقا ۋاقچىرەك چىقىش سەھەر چىققاندىن ياخشى

2017.12.26 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەرىكەت قىلىش دىئابېت كېسىلىنى داۋالاشتىكى بەش ياخشى ئۇسۇلنىڭ بىرى، قەنت كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەرىكەت قىلىش قان شېكىرى ۋە شېكەر چىدامچانلىقىنى ياخشىلاپلا قالماستىن، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئىنسۇلىن سەۋىيەسىنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، قاندىكى ماينى ۋە قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى ياخشىلايدۇ. بىراق، دىيابېت بىمارلىرىنىڭ ھەرىكەت قىلىشىنىڭمۇ ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقتى بار بولۇپ، ۋاقچىرەك چىقىپ ھەرىكەت قىلىش سەھەر چىقىپ ھەرىكەت قىلغاندىن ياخشى، ھەرىكەت قىلىشقا ئەڭ ياخشىسى بەك سەھەر چىقىۋالماسلىق لازىم.

  چۈنكى، قىش پەسلىدىكى سەھەردە ھاۋا بىر قەدەر سوغۇق بولغاچقا، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قان تومۇرلىرى ئاسانلا تارىيىپ كېتىدۇ-دە، نەتىجىدە قان شېكىرى ۋە قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ.

  ئەگەر سائەت يەتتە-سەككىزلەردە قۇياش چىقىپ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، تېمپېراتۇرا ئۇنچە تۆۋەن بولمىغان چاغدا ئاندىن چېنىقىشقا چىققاندا، ئۇنىڭ دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قان تومۇرلىرىنىڭ راۋان بولۇشى ئۈچۈن مۇئەييەن دەرىجىدە پايدىسى بار.

  يەنە كېلىپ، قۇياش چىققاندىن كېيىن، قۇياش نۇرى يەر يۈزىگە تېگىپ، يەر يۈزىدە ئۆزئارا ھاۋا ئالمىشىش باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن، كېچىچە يەر يۈزى قاتلىمىدا يىغىلىپ قالغان نۇرغۇن بۇلغىما ۋە چاڭ-توزانلىق ھاۋا تەدرىجىي ھالدا يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلۈپ تارقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېشىل ئۆسۈملۈكلەردە فوتوسىنتېزلاش باشلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھاۋادىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى سۈمۈرىۋېلىپ، ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەتراپىمىزدىكى ھاۋا تېخىمۇ ساپلىشىدۇ.

  دېمەك، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىش ۋاقتى ئەڭ ياخشىسى ئەتتىگەنلىك ۋە كەچلىك تاماقتىن كېيىنكى سىرت ئۇنچە سوغۇق ئەمەس ۋاقىتتا بولسا، ئۇنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.

  دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىغا ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، قىش پەسلىدە قەھرىتان سوغۇقتا چېنىققاندا، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئاسانلا يىقىلىپ كېتىپ يارىلىنىشى مۇمكىن.

  شۇڭا، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى يەنە سۆڭەك سۇنۇشتىنمۇ ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. ئەگەر سىرتتا يەرلەر مۇز تۇتۇپ تېيىلغاق بولۇپ كەتكەن ئەھۋال بولسا، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئەڭ ياخشىسى سىرتقا چىقىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر تالادا ھاۋا كۈل-تۈتەكلىك تۇمان بىلەن بۇلغانغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئۆيدىن چىقماي، ئۆي ئىچىدە مۇۋاپىق تۈردە گىمناستىكا ئويناش دېگەندەك ئاددىي ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا تامامەن بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئاچ قورساق ھەرىكەت قىلسا، ھەرگىز بولمايدۇ. ھەرىكەت قىلغاندا، يېنىدا قەنت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ يۈرۈپ، ۋاقتىدا قەنت ماددىسى تولۇقلاپ، قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىش ھادىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.

  (خۇبېي ئۆلكىلىك جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى ليۇ پېيۋېن).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر