باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئالتە ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئىسسىق سۇغا پۇتىنى چىلاپ ئولتۇرسا بولمايدۇ

2017.12.18 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىش پەسلىدە پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ ئولتۇرۇش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى كۈتۈشتىكى ئۇسۇلى بولۇپ، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ھەتتا ئۆزىنىڭ بالىسى بىلەن بىللە پۇتىنى چىلاپ ئولتۇرىدۇ. لېكىن، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئالتە ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ پۇتىنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ ئولتۇرۇشى بالىغا زىيانلىق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئەنخۇي ئۆلكىسى بالىلار دوختۇرخانىسى كۆيۈكتىن كېيىنكى شەكىل تۈزەش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى چېن چېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىندا، پۇتىنى ئىسسىق سۇغا چىلىغانلىق سەۋەبىدىن ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان بىر نەچچە نەپەربالا بىمارنى قوبۇل قىلغان. ئاتا-ئانىلار خاتا ھالدا ئەگەر بالىنىڭ پۇتىنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ بالىنى تەرلىتىپ، تەردە ھورداتساق، بالىنىڭ زۇكىمىنى تېزراق ساقايتقىلى بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، چوڭلار كۆپىنچە ھاللاردا پۇتنى چىلايدىغان سۇ بەك قىزىق ئەمەس، دەپ ھېس قىلىدۇ. دوختۇر مۇنداق دەيدۇ: بوۋاقلار ۋە ئۆسمۈر بالىلارنىڭ تېمپېراتۇرىغا بولغان سېزىمى چوڭلار بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ، چوڭلار سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىلىمان بولدى، دەپ ھېس قىلغان بىلەن، ئۇ تېمپېراتۇرا بالىلار ئۈچۈن ناھايىتى قايناق تېمپېراتۇرا ھېسابلىنىدۇ، لېكىن كىچىك بالىلار ئۇ خىل تېمپېراتۇرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئانچە بىلمەيدۇ، شۇڭا، ئۇلارنىڭ يۇمران تېرىسى ئاسانلا كۆيۈپ قالىدۇ. گەرچە بالىلار دەسلەپتە ئۇ خىل تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلىسىمۇ، ئۇلارنىڭ پۇتىنىڭ ئىسسىق سۇغا چىلانغان ۋاقتى ئۇزىرىغانچە، ئۇ خىل ھالەت بالىلارنىڭ يەنىلا ئاشۇ "ئىلىمان" سۇ تېمپېراتۇرىسىدا كۆيۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، بالىلارنىڭ بوۋاقلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرلىرىدە، ئۇلارنىڭ پۇت ئەگمىسى تېخى شەكىللەنمىگەن بولىدۇ، سۆڭەك ۋە بوغۇملىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، بالىلارنىڭ پۇت ئالقىنىغا يىغىلىپ قالغان مايلارمۇ پۇت ئەگمىسىنى تولدۇرۇپ تۇرغاچقا، پۇت ئەگمىسىمۇ روشەن بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئۆرە تۇرغاندا، پۇتىنىڭ ئالقىنى ئەگمىسىز، بىر قەدەر تۈز ۋە تەكشى بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا ئاياغ تاللىغاندا، بەك ئېھتىيات قىلىش كېرەك. بالىلارنىڭ پۇت سۆڭىكى تېخى تولۇق كالتسىيلەشكەن شەكىلگە كەلمىگەچكە، ئۇلارنىڭ ئوشۇقى ئاجىز بولىدۇ، ھەمدە بالىلارنىڭ بۇ خىل «تەكشى» تاپانلىق پۇت ئالقىنى تاكى ئالتە ياشقىچە، يەنى ئۇلارنىڭ پۇتى بىر قەدەر قاتتىق بولغىچە داۋاملىشىدۇ، پەقەت شۇچاغقا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ تاپان ۋە پۇت ئالقىنىنىڭ ئەگمىسى ئاندىن روشەنلىشىدۇ. ئەگەر شۇ چاغقىچە دائىم ئىسسىق سۇدا ئۇلارنىڭ پۇتىنى يۇيىۋەرسە ياكى ئىسسىق سۇغا چىلاۋەرسە، پۇت ئاستىدىكى تارىمۇشلار ئىسسىقلىققا ئۇچراۋېرىپ بوشاپ كېتىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ پۇت ئەگمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ساقلىنىشى ئۈچۈن پايدىسىز. شۇڭا، بالىنىڭ پۇتىنى دائىم ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇشقا بولمايدۇ، بالىنىڭ پۇتىنى ئىسسىق سۇغا ئۇزۇن ۋاقىت چىلاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇكى: بالىلارنىڭ پۇتىنى يۇغاندا، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئەڭ ياخشىسى ھەقىقىي تۈردە ئۇلارغا ماس كېلىدىغان ئىلمان سۇدا يۇيۇش كېرەك. ياز پەسلىدە ئۇلارنىڭ پۇتىنى ئەڭ ياخشىسى 38-40 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان سۇدا يۇيۇش كېرەك، قىش پەسلىدە، سۇنىڭ گىرادۇسىنى تەدرىجىي ئۆرلەتسىمۇ بولىدۇ، قىش پەسلىدە ئادەتتە 45-50 گىرادۇسقىچە بولغان سۇدا يۇسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ پۇتىنى يۇغاندا، ئەڭ ياخشىسى ئىلمان سۇغا 3-5 مىنۇتچىلا چىلىسا كۇپايە قىلىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ پۇت قىسمىنىڭ تېرە يۈزىدىكى قىل قان تومۇرلار كېڭىيىپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى قان ئايلىنىشى تېزلىشىدۇ، پۇت قىسىمىنىڭ تېرىسى ۋە بەدەندىكى توقۇلمىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى ياخشىلىنىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ قىسمەن قارشىلىق كۈچىنىڭ ئېشىپ بېرىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ئۈچۈن پايدىلىق، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر