باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يېڭى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە: ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى دائىم قۇچاقلاپ ۋە يۈز-كۆزلىرىنى سىلاپ بېرىشلىرى بالىلاردىكى ئىرسىيەت ئىپادىلىرىنىڭ ئەكس ئېتىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن

2017.12.14 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولىدۇ، شۇڭا، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنىڭ بەدەنلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەر بالىلىرىنى دائىم قۇچاقلاپ ۋە يۈز-كۆزلىرىنى سىلاپ بەرسە، ئۇنىڭ نەتىجىسى يەنە DNA مولېكۇلا قاتلىمىدىن بالىلارنىڭ گېنلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن.

  كانادا بىرىتانىيە كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ ئەڭ يېڭى بىر تۈر تەتقىقات نەتىجىسى ئالدىنقى ئايدا «روھىي كېسەللىكلەر ئىلىمى تەرەققىياتى» ناملىق ژورنالدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر تەتقىقاتتىكى ئەۋرىشكىدە، بىرىتانىيە كولۇمبىيەدىكى 94 نەپەر بەش ھەپتىلىك بولغان ساغلام بوۋاق تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىپ تەكشۈرۈلگەن. تەتقىقاتچىلار ئۇ بوۋاقلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئۆز بوۋاقلىرى بىلەن يېقىن ئۇچرىشىدىغان ۋاقىتلىرىنى خاتىرىلەپ مېڭىشنى تەلەپ قىلغان. تۆت يىلدىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار پىلتىكىش ئارقىلىق بۇ بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ئىچكى تەرەپنىڭ DNAسىنى يىغىپ تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، بوۋاقلارنىڭ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلىرى بىلەن يېقىن ئۇچرىشىشلىرى مولېكۇلا دەرىجىسى جەھەتتە بالىلارغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بايقالغان.

  تەتقىقاتچىلار ئاساسلىقى بوۋاقلاردىكىDNA نىڭ مېتىللىشىش دەرىجىسىگە دىققەت قىلغان، چۈنكى، DNA سىرتقى شارائىتنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ، بالىلىق مەزگىلىدە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بۇ تەتقىقاتلار ئاساسىدا، ئالىملار مۇنداق يەكۈن چىقارغان: بالىلار ئەگەر بوۋاق مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ باشقا ئادەملەرنىڭ بەدىنى بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە باشقىلارنىڭ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى يېتەرلىك بولمىسا، بالىلارنىڭ تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئىچىدىكى ئىرسىيەت ئىپادىلىرىنىڭ ئەكس ئېتىشى بىر مەزگىل كېچىكىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر