باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

قان بېسىمىنى چۈشۈرۈشنىڭ بىر خىل ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى

2017.12.13 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۇقىرى قان بېسىمى ھازىرقى زامان كىشىلىرىدە ھازىر كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل بولۇپ قالدى.

  قان بېسىمى يۇقىرى، دەپ دىياگنوز قويۇلغانلارلا ئەمەس، ئۇ قوشۇننىڭ زاپاس ئارمىيە توپىمۇ بەك جىق، چۈنكى، گەرچە ئۇ زاپاس قوشۇندىكىلەرنىڭ قان بېسىمى ۋاقتىنچە نورمال بولغىنى بىلەن، بەلكىم ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارمۇ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن، بولۇپمۇ سېمىزلەر ۋە قان بېسىمى جەھەتتە جەمەت تارىخى بار كىشىلەر توپىدىكىلەر بۇ خىل كېسەلگە تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. ياپونىيە ھىنوھارا خاتىرىلەش شىپاخانىسىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: يۇقىرى قان بېسىمىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل شۇكى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئاساسلىقى ئورۇقلاش، تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىش، يېتەرلىك ئۇيقۇ ۋە كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن ئىبارەت. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئورۇقلىغان چاغدا، بەدەن ئېغىرلىقى ھەر بىر كىلوگرام چۈشسە، قان بېسىمىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ 1.7 مىللىمېتىردىن ئىككى مىللىمېتىرغىچە بولغان سىماب تۈۋرۈكى ئارىلىقىدا تۆۋەنلەيدۇ؛ نورمال ئادەم ھەر كۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 گىرام تۇز ئىستېمال قىلسا كۇپايە قىلىدۇ، قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ كۈنلۈك تۇز ئىستېمال قىلىشى ئالتە گىرامدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛ ھەر كۈنى ئالتە سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ بەش مىنۇت ئاستا يۈگۈرۈش بىلەن بەش مىنۇت ئايلىنىپ يۈرۈشنى نۆۋەت بىلەن ئېلىپ بارسا، قان تومۇرنى يۇمشىتىشقا بولىدۇ.

  ئۇندىن باشقا، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈشتە يەنە «لۆڭگىنى سىقىملاپ تۇتۇپ بېرىش»تەك ئۇسۇلنى سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى كانادالىق دوختۇر ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، ئۇ ئۇسۇل ئامېرىكا يۈرەك ساھەسى جەمئىيىتى تەرىپىدىن قان بېسىمىنى ياخشىلاشتىكى قوشۇمچە داۋالاش ئۇسۇلى قىلىنغان. ئۆلچەم بويىچە ئېيتقاندا، سىقىملاش كۈچىنى ئۆلچەش ئۈسكىنىسىنى ئىشلىتىش كېرەك. بۇنىڭدا، ئەڭ چوڭ سىقىملاش كۈچىنىڭ %30ى بويىچە ئۈسكىنىنى ئىككى مىنۇت سىقىملاپ تۇتۇپ، ئاندىن يەنە بىر مىنۇت ئارام ئېلىپ، بۇ ھەرىكەتنى ئوڭ ۋە سول قولدا بىر قېتىمدىن تەكرارلاپ، ئىككى قېتىم ئىشلەش كېرەك. ئەگەر ئائىلىدە سىقىملاش كۈچىنى ئۆلچەش ئۈسكىنىسى بولمىسا، لۆڭگە ئىشلەتسىمۇ ئوخشاشلا ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. كونكرېت ئىشلەش ئۇسۇلى مۇنداق: بىر پارچە لۆڭگىنى ئالدى بىلەن تۆت چاسا شەكىللىك قىلىپ بىر قاتلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى بىر تەرەپتىن باشلاپ تۈرۈش كېرەك. تۈرۈلگەن ئۇ لۆڭگىنىڭ توملۇقى شۇنداق بولۇشى كېرەككى، ئۇنى بىر ئالقان بىلەن سىقىملاپ تۇتقاندا باش بارماق قالغان تۆت بارماققا تېگىپ قالمىغۇدەك ھالدا بولۇ4شى كېرەك. ئۇنىمۇ ئوخشاشلا %30لىك كۈچ بىلەن ئىككى مىنۇت سىقىملاپ تۇتقاندىن كېيىن، بىر مىنۇت ئارام ئېلىۋېلىپ، ئاندى يەنە ئوڭ ۋە سول قولدا بىر قېتىمدىن تەكرارلاپ ئىككى قېتىم ئىشلەش كېرەك. بۇ ھەرىكەتنى ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ئىشلەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

  ئۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈم بېرىش پىرىنسىپى مۇنداق: لۆڭگىنى چىڭ سىقىملاپ تۇتۇشنى تەكرار-تەكرار داۋاملاشتۇرغاندا، بىلەك مۇسكۇلى كۈچىگەچكە، ئۇ خىل ھەرىكەت قان تومۇرىغا بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ-دە، نەتىجىدە تومۇردىكى قان ئېقىمى ئاستىلاپ، ئېقىم مىقدارى ئازلايدۇ؛ لۆڭگىنى سىقىملاپ تۇرۇش ھەرىكىتى ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، ئالقان بوشاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، قان تومۇردا ئازوت (2) ئوكسىدى قويۇپ بېرىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقى ياخشىلىنىپ، قان تومۇرلار كېڭىيىپ، قاننىڭ يۈرۈشىشى راۋانلىشىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىخەتەر، ئاددىي ۋە ئەپلىك. يەنە كېلىپ، بۇ ئۇسۇل بەدەنگە يۈك ئېلىپ كەلمەيدۇ.

  لۆڭگىنى سىقىملاپ تۇتۇپ بېرىپ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈم بېرىش پىرىنسىپى گەرچە ئورۇقلاش ۋە تۇز ئىستىمال قىلىشنى چەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ كېيىنكى ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن لۆڭگىنى سىقىملاپ تۇتۇپ بېرىش ئۇسۇلىنى بىر ۋاقىتتا قوللانسا، ئۇ ئۇسۇللار بىر-بىرىگە ھەمدەمدە بولىدۇ-دە، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر