باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ياشانغانلارنىڭ قىنى شىلىمسىمان بولسا كۆپرەك سۇلۇ يەپ بېرىش كېرەك

2017.12.06 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياشانغانلارنىڭ قان تومۇر دىۋارىنىڭ ئېلاستىكلىقى ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، ئەزا بوشلۇقى تارلىشىپ،ھۈجەيرە بېسىلىپ، بۇنىڭ بىلەن قان سۇيۇقلۇقى شىلىمسىمان بولۇپ، قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدۇ .

  ئومۇمەن ئالغاندا، ئەگەر ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا تۆۋەندىكى تۆت خىل كېسەللىك ئالامىتى مەۋجۇت بولسا، بەدەندىكى قاننىڭ يېپىشقاقلىقى بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ،ئۇنداقتا تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش زۆرۈر بولىدۇ.

  مەسىلەن: ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا باش قېيىش، كەچتە سەگەك بولۇش: قان يېپىشقاقلىقى يۇقىرى بولغانلار، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن كاللىسى قايغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئويغانغاندىن كېيىن چوڭ مېڭە سەگەك ۋە تەپەككۇرى راۋان بولمايدۇ.

  زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئىش قىلغاندا دېمى سىقىلىش: قان يېپىشقاقلىقى يۇقىرى كىشىلەر ئىچىدە سېمىز كىشىلەر كۆپ، بۇ ئادەملەر تەستە زوڭزىيىپ ئولتۇرىدۇ، بەزى كىشىلەر زوڭزىيىپ ئىش قىلالمايدۇ ياكى زوڭزىيىپ ئىش قىلغاندا دېمى سىقىلىدۇ. چۈنكى ئادەم زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندا، يۈرەككە ماڭىدىغان قان ئازلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قان سۇيۇقلۇقى بەك يېپىشقاق بولغانلىق سەۋەبىدىن، ئۆپكە ۋە مېڭە قاتارلىق مۇھىم ئەزالارغا قان يېتىشمەي، نەپەس ئېلىش قىيىن ۋە دەم سىقىلىش پەيدا بولىدۇ.

  تۇتقاقلىق خاراكتېرلىك كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز ئەھۋال پەيدا بولىدۇ: بەزى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئادەتتە كۆرۈش قۇۋۋىتى يامان ئەمەس، لېكىن دائىم كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋاقىتلىق ئاجىز ئەھۋال پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى قان يېپىشقاقلىقى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ قان سۈيۈقلۇقى كۆرۈش نېرۋىسىغا تولۇق ئوزۇقلۇقلۇق يېتىشتۈرۈپ بېرەلمەي، كۆرۈش نېرۋىسى ۋە كۆرۈش تور پەردىسىدە ۋاقىتلىق قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەي، تۇتقاقلىق خاراكتېرلىك كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  قان ئەخلەتلىرىنى تازىلاشتا بۇ يېمەكلىكلەرنى يېسە پايدىسى ئەڭ ياخشى بولىدۇ :

  سۇلۇ: سۇلۇ تەركىبىدە مول β گىلۇكوزا ۋە يېمەكلىك تالاسى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ خولېستېرىننى سۈمۈرۈۋېلىشىنى تورمۇزلاپ، قاندىكى ماينى تەڭشەش رولى بار . بەلكى، سۇلۇ بىر قەدەر كۈچلۈك تويۇپ كېتىش تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىپ، ئادەمنىڭ قۇرسىقىنى ئۇزۇن ۋاقىت ئاچۇرمايدۇ.

  كەرەپشە: كەرەپشە تەركىبىدە مول كالىي ۋە كەرەپشە ماددىسى بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قان بېسىمىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كەرەپشە شىرنىسىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا، قان بېسىمىنى ھەقىقەتەن چۈشۈرىدىكەن.

  قارا پۇرچاق: قارا پۇرچاق تەركىبىدە مول سىئانىدىن بار بولۇپ، ئادەم تېنىدىكى ئەركىن رادىكالنى تازىلاپ، قاندىكى خولېستېرىننى ئازايتىپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇندىن باشقا، سىئانىدىننىڭ يەنە كۆز ئاسراش رولى بار .

  خەيدەي (لامنارىيە): لامنارىيە تەركىبىدە يود بىر قەدەر يۇقىرى بولغان يېمەكلىك بولۇپلا قالماستىن، تەركىبىدە يەنە مول يېمەكلىك تالاسى ۋە يېلىمسىمان ماددا بار، بۇنىڭ ئىچىدە يېلىم تەركىبى قاندىكى زىيانلىق ماددىلارنى بىرىكتۈرەلەيدۇ. مەسىلەن ئېغىر مېتاللاردىن زەھەرلەنگەندە، زەھەرنى ھەيدەش ۋە قاننى تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر