باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يۈگۈرۈشنىڭ بۆرەككە زىيىنى بارمۇ؟

2017.12.05 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، 26 ياشلىق بىر ئايالنىڭ كېچىدە ئۈچ سائەت يۈگۈرگەندىن كېيىن سۈيدۈكىنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى بايقالغانلىقى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا بۇ ئايال بۆرەك ئىقتىدارى جىددىي خاراكتېرلىك زەئىپلىشىش كېسىلى ۋە ھەرىكەتلىك توغرا يوللۇق مۇسكۇللار ئېرىپ كېتىش كېسىلى دېگەندەك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان، دەپ دىياگنوز قويۇلغانلىقى ھەققىدىكى بىر خەۋەر تارقالدى.

  يۈگۈرۈشنىڭ راستتىنلا بۆرەككە زىيىنى بارمۇ؟ بۇ ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ يۈگۈرۈشنى بىلمىگەنلىكىڭىزدىن كېلىپ چىققان بىر چاتاق.

  خەۋەردە دېيىلگەندەك ئاشۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەن بىمارلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ھەرىكەت مىقدارى تۇيۇقسىز ئېشىپ كېتىش، ياكى تەنتەربىيە ئاساسى تازا ياخشى بولماسلىقتەك سەۋەبلەر تۈپەيلى، ياكى بىرەر قېتىملىق كۈچلۈك ھەرىكەت سەۋەبىدىن توغرا يوللۇق مۇسكۇللارنىڭ ئېرىپ كېتىشى قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئەگىشىپ، بۆرەك كىچىك نەيچىسى توسۇلۇپ قېلىش دېگەندەك نۇخسانلار كېلىپ چىقىدۇ، ھەمدە بۇ خىل ئېغىر دەرىجىدىكى بۆرەك زەخىملىنىشتىن بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلىمۇ كېلىپ چىقىدۇ.

  يۈگۈرۈشنىڭ ئۆزى ئەسلى بىر ياخشى ئىش، ئەمما ئۇ ئەگەر سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزگۈدەك دەرىجىدىكى ھالدا بولغان بولسا، ئۇنى چوقۇم سىزنىڭ ئۇسۇلىڭىزنىڭ خاتا بولغانلىقىدىن كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  يۈگۈرۈشنىڭ بەدەن قىزىتىشتىكى توغرا تەرتىپى تۆۋەندىكىدەك بولۇشى كېرەك: ئاستا يۈگۈرۈش+بەدەننى دىنامىك سوزۇش+جايىدا تۇرۇپ بەدەن قىزىتىشتىن ئىبارەت. ئەمما بىۋاسىتە ھالدا ياۋايىلارچە يۈگۈرۈش بولسا، ئۆزىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت قىلغانلىقتۇر.

  يۈگۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكىدەك خاتا ئۇسۇللاردىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك: يەنى، دەرھال يۇيۇنۇش، ئولتۇرۇۋېلىپ ئارام ئېلىش ۋە كۆپ سۇ ئىچىش قاتارلىقلار. چۈنكى، بۇلار خەتەرلىك. بۇ ئۈچ خىل خاتا ئۇسۇل مۇسكۇلنىڭ تارتىشىپ قېلىش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. يۈگۈرۈپ بولغاندىن كېيىنكى توغرا ئۇسۇل بولسا، بىردەم ماڭغاندىن كېيىن، مۇسكۇللارنى سوزۇپ، مۇسكۇلنىڭ جىددىيلىكنى پەسەيتىش. بۇ خىل ئۇسۇل سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن پايدىلىق.

  ئاچ قورساق يۈگۈرسە ئورۇقلامدۇ؟ ئورۇقلىماقچى بولغان نۇرغۇن ئادەملەر تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن بەلكىم قارىماققا ئۈنۈملۈك كۆرۈنىدىغان بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشى مۇمكىن. بىراق، ئاچ قورساق يۈگۈرسە، بەلكىم ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، كىشىلەر ھوشىدىن كېتىشىمۇ مۇمكىن. يەنە كېلىپ، ئاچ قورساق يۈگەرگەندىن كېيىن، ئىشتىھا ئېچىلىپ كېتىدۇ-دە، نەتىجىدە تېخىمۇ كۆپ كالورىيە قوبۇل قىلىنىدۇ.

  بەدەن چېنىقتۇرغاندا ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلمىسا، ئاۋارىچىلىق شۇ يەردىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. مەيلى قايسى خىل تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىڭ، ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش كەم بولسا بولمايدۇ. يۈگۈرگۈچى تېخىمۇ كۆپ كاربون سۇ بىرىكمىسى قوبۇل قىلىشى كېرەك. تۇرمۇشتا، بانان ۋە بۇغداي ئۇنى بولكىسى قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىپ بېرىش، ھەمدە ئۇنى يېمەك ـ ئىچمەككە ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر