باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇيقۇ ھەققىدە بىلىشكە تىگىشلىك 10 ئىش

2017.11.23 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىز ئۇيقۇنى قانچىلىك چۈشىنىمىز؟ ئۇيقۇنىڭ ساغلاملىق، كەيپىيات ۋە ئۆمۈر كۆرۈشكە زادى قانداق كونكرېت تەسىرى بار؟ ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى ئاخبارات تورى «ئۇيقۇ ھەققىدىكى ئون ئىش»نى خۇلاسىلەپ چىقتى.

  1. ھەر كۈنى كەچتە سەككىز سائەت قېنىپ ئۇخلاش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇيقۇسى بەك كۆپ ياكى بەك ئاز ئادەملەر تېخىمۇ ئاسان كېسەل بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆمرى قىسقا بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ھەر كۈنى 18 سائەت ئۇخلايدۇ، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىن ئىلگىرىكى بالىلار چوقۇم 11 سائەت قېنىپ ئۇخلىشى، ياشلار-ئۆسمۈرلەر 10 سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  2. ئۇيقۇ ئاز بولسا، كېسەللىك كۆپ بولىدۇ. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق بىلەن دىئابىت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە سېمىزلىك كېسىلى زىچ مۇناسىۋەتلىك، يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېخىمۇ ئاسان يۇقۇملىنىش يۈز بېرىدۇ. ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا يەنە چوڭ مېڭىنىڭ فۇنكسىيەسىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەتتە سائەت قېنىپ ئۇخلىمايدىغانلارنىڭ زۇكام بولۇش نىسبىتى يەتتە سائەت قېنىپ ئۇخلايدىغانلارنىڭكى ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن.

  3. بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى ئۇيقۇغا موھتاج. بىرىنچى باسقۇچ سەگەكلىك بىلەن ئۇيقۇ ئارىلىقىدا بولىدۇ. بۇ بىر خىل ئازادە ھالەت بولۇپ، نەپەس ئاستىلاپ، مۇسكۇللار بوشاپ، يۈرەك رېتىمى ئاستىلايدۇ؛ ئىككىنچى باسقۇچ بىر قەدەر چوڭقۇر ئۇيقۇ ھالىتى بولۇپ، سەگەكتەك ھېس قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇيقۇ ھالىتىدە؛ ئۈچىنچى باسقۇچ قاتتىق ئۇيقۇ باسقۇچى بولۇپ، ئويغىتىش بەك تەس، بەدەن ئەڭ جانسىز بولىدۇ.

  4. كېچىلىك ئىسمېنا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمايدۇ، كېسەللىك رۇخسىتى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كېچىلىك ئىسمېنا ئىشلەيدىغانلار دىئابېت كېسىلى ۋە سېمىزلىك كېسىلىگە تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن. ئەنگلىيەدىكى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كېچىلىك ئىسمېنا ئىشلەيدىغانلار روشەن ھالدا سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىقىنى ھېس قىلغان بولۇپ، دائىم كېسەللىك رۇخسىتى سورايدىكەن.

  5. ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا ئۇيقۇسى تېخىمۇ كەم بولىدىكەن. ئەنگلىيەنىڭ 2000 ئادەم ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە ، ئۇيقۇ مەسىلىسى يېشى ۋە جىنسىغا قاراپ زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىكەن، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا ئۇيقۇسىنىڭ يېتەرلىك بولۇشى تېخىمۇ تەس ئىكەن. بولۇپمۇ تۇغۇتتىن كېيىن ئاياللار بالا ۋە خىزمەتنىڭ قوش بېسىمىغا ئۇچرىغاچقا، ئۇيقۇسى تېخىمۇ يېتەرلىك بولمايدىكەن.

  6. ئۇيقۇ شەكلى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ساچىر خانىم ھەر كۈنى كەچتە پەقەت تۆت سائەت ئۇخلىسىلا بولىدىكەن. ئەمما، كۆپ ساندىكى كىشىلەر يەتتە- سەككىز سائەت قېنىپ ئۇخلاشقا ئېھتىياجلىق.

  7. ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەنگلىيەدە تەكشۈرۈپ بايقىلىشىچە، %50 بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئۆلچەمگە يەتمىگەن. سەۋەبى ياتاق ئۆيى ئىچىدە يان تېلېفون، كومپيۇتېر، تېلېۋىزور قاتارلىق دىققەتنى چاچىدىغان نەرسە بەك كۆپ ئىكەن، ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ كۆك نۇرى ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرىدۇ ھەمدە چوڭ مېڭىنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرىدۇ. ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئۇخلاشتىن 90 مىنۇت بۇرۇن تاقاش تەكلىپى بېرىلدى.

  8. ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئۇخلاش ھالىتىدىكى قالايمىقانچىلىق كۈندىن- كۈنگە كۆپەيمەكتە. ئەنگلىيەدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇخلىيالماسلىق سەۋەبىدىن داۋالىنىدىغانلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقى بايقالغان. ئۇخلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قالايمىقانلىشىش كېسىلى ھەر تۈرلۈك بولۇپ، ئەڭ چوڭ مەسىلە شۇكى، سېمىزلىك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيقۇسىزلىق مەسىلىسىمۇ بارغانسېرى ئېغىرلاشقان.

  9. ئىجتىمائىي پائالىيەتنىڭ ئۇيقۇغا بولغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. تەرەققىي تاپقان 20 دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇخلاش ئادىتىگە چېتىلىدىغان تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئىشقا چىقىش ۋە ئىشتىن چۈشۈش، مەكتەپكە بېرىش ۋاقتى ۋە دەم ئېلىش ئادىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ ئۇيقۇغا بولغان تەسىرى كۈندۈز بىلەن كېچە ئۇيقۇسى رېتىمىنىڭ تەسىرىدىن خېلىلا چوڭ بولىدىكەن.

  10. چىراغ نۇرى كىشىلەرنى تېخىمۇ كېيىن ئۇخلىتىدىكەن. چىراغ نۇرى سەھەر تىپىدىكى ۋە كېچە تىپىدىكى ئادەمنىڭ پەرقىنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن، بولۇپمۇ «مۈشۈكياپىلاق»لار تېخىمۇ كەچ ئۇخلايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، كەچ ئۇخلاپ ۋاقچە تۇرۇشقا ئامراق كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى كېچىدە چىراغ نۇرىنىڭ يورۇتۇش ۋاقتىنى ئازايتىپ، كۈندۈزى تەبىئىي كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئادەم بەدىنىدىكى بىيولوگىيەلىك سائەتنىڭ تەبىئىي رىتىمغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرسە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر