باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاياللار تېز مېڭىپ بەرسە ئۆلۈش نىسبىتى %70 ئازىيىدىكەن

2017.11.22 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر يىلى ھەرىكەت كەمچىل بولغانلىقتىن ئۆلۈۋاتقان ئادەمنىڭ سانى تاماكا چېكىش بىلەن ئۆلگەن ئادەم سانى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدىكەن، بۇنىڭدىن ھەرىكەت قىلىشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغان ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۈچىلەرنىڭ ھەرىكىتى ۋە ھەرىكەت سىجىللىقىنى مۇۋاپىق كۆپەيتكەندە، ھەر خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈمنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

  ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتى قارىمىقىدىكى برام ئاياللار دوختۇرخانىسى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى مۇتەخەسسىسى لى ئەيمىن پىروفېسسور ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئوتتۇرچە يېشى 72 ياشلىق 16 مىڭ 741 ئايالنى تۆت يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈگەن. تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ تاقالما شەكىللىك ئۈچ ئوقلۇق تېزلىنىش سېنزورىنى ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 10 سائەت، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە تۆت كۈن تاقىشىنى تەلەپ قىلغان ھەم ئۇلارنىڭ ھەرىكەت سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەتقىقات جەريانىدا ئۆلگەنلەر سانلىق مەلۇماتىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش ئېلىپ بارغان.

  نەتىجىدە بايقىلىشىچە، دائىم تېز مېڭىش قاتارلىق ئوتتۇرا ھال سىجىللىقتىكى ھەرىكەت قىلىدىغان ئاياللار بىلەن تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەرنى سېلىشتۇرغاندا، ئومۇمىي ئۆلۈش نىسبىتى %60تىن %70كىچە تۆۋەن بولغان، لېكىن سەيلە قىلىش قاتارلىق تۆۋەن ھەرىكەت سىجىللىقى بىلەن تۆۋەنرەك ئۆلۈش نىسبىتى ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت يوق بولغان. بۇ تەتقىقات ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ ژۇرنىلى «ئايلىنىش» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

  لى پىروفېسسور مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يېڭى تەتقىقاتتا تۇنجى قېتىم تاقالما قۇرۇلمىلار ئۆلچىگەن سانلىق مەلۇماتلار ئاساس قىلىنغان بولۇپ، نەتىجىسى تېخىمۇ توغرا بولۇپ، ئوتتۇرا ھال سىجىللىقتىكى ھەرىكەت ياشانغان ئاياللارنىڭ ئومۇمىي ئۆلۈش نىسبىتىنى ئالتە-يەتتە ئۈلۈش تۆۋەنلىتەلەيدىكەن ھەمدە تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كۆلىمى تاماكا چېكىدىغانلارنىڭكىدىن %50 كۆپ بولىدىكەن.

  يېڭى تەتقىقاتتا يەنە ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتى قاتارلىق ئاپپاراتلار يولغا قويغان سالامەتلىك كۆرسەتمىسى يېڭى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەندى. سالامەتلىك كۆرسەتمىسىدە، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 150 مىنۇت ئوتتۇرا ھال سىجىللىقتىكى ھەرىكەت ياكى 57 مىنۇت يۇقىرى ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت (ياكى ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ) ئېلىپ بېرىش؛ ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇسكۇل كۈچىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش تەكلىپى بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر