باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى

ـــــ پارتىيە 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ بارلىققا كېلىش خاتىرىسى

2017.10.30 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ خەلق سارىيى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى بۇ يەردە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

  يولداش شى جىنپىڭ دوكلات سۇپىسىغا مەزمۇت قەدەم تاشلاپ چىقىپ، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىنغا «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

  30 نەچچە مىڭ خەت، ئاز كەم ئۈچ يېرىم سائەت ۋاقىت، 2300 دىن ئارتۇق ۋەكىل ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر 70 نەچچە قېتىملىق ئالقىش سادالىرى ياڭراتتى. بۇ ئالقىش سادالىرىغا پارتىيە رايى ۋە ئەل رايى مۇجەسسەملەنگەن، بۇ ئالقىش سادالىرى ئىشەنچ ۋە كۈچنى ئاشۇردى.

  بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن تەنتەنىلىك قەسىمى

  ـــــ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ھەرىكەت قىبلىنامىسىدۇر

  ـــــ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بىلەن بىر قاتاردا پارتىيەنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى قىلىش ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ بەردى.

  بۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدىكى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى

  ـــــ بىز ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز، ھەم قولايلىق ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر