باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى «يېڭى ئاۋاز» يۈرۈشلۈكلىرى چۈشەندۈرۈلۈشىنىڭ ئىككىنچىسى:

يېڭى ئىدىيە __ 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىغا سىڭدۈرۈلگەن روھ

2017.10.20 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھىم ئىدىيەسى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بولسا 30 نەچچە مىڭ خەتلىك دوكلاتنىڭ روھى ھېسابلىنىدۇ. «يېڭى ئىدىيە» __ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ «يېڭى دەۋر»ىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «يېڭى بۇرچى»نى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش «يېڭى مۇساپىسى»نى ئومۇميۈزلۈك ئاچتى.

  «ئىجادكارلىق، ئۇيۇشۇشقاقلىق ۋە جەڭگىۋارلىق». ئەستايىدىل كىشىلەر شۇنى بايقايدۇكى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا، ئۆتكەن بەش يىلدا پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە ئىقتىدارىدىكى ئۆزگىرىش، ئىجادچانلىقىنىڭ ئاشقانلىقى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى. ئىجادچانلىقى قەيەردە نامايان قىلىندى؟ ئەڭ تۈپ ئىپادىسى بولسا، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئەڭ گەۋدىلىك بەلگىسى بولسا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ھېسابلىنىدۇ. مانا بۇ 30 نەچچە مىڭ خەتلىك دوكلاتنىڭ روھى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى سىياسىي خىتابنامىسىنى چۈشەندۈرىدىغان ئاچقۇچ. دەل مۇشۇ «يېڭى ئىدىيە» جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ «يېڭى دەۋر»ىنى بەرپا قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «يېڭى بۇرچى»نى مۇجەسسەملىدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش «يېڭى مۇساپىسى»نى ئومۇميۈزلۈك ئاچتى.

  «بىر مىللەت پەننىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىدا تۇرۇش ئۈچۈن، بىر مىنۇتمۇ نەزەرىيەۋى تەپەككۇردىن ئايرىلسا بولمايدۇ». «سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش»نىڭ جانلىق مەزمۇنى، «14تە چىڭ تۇرۇش»نىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش داۋامىدا شەكىللەنگەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەسلىنى ئۇنتۇماي، تاشقى مۇھىتنى قوبۇل قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىي كۈچىنى كۈچلۈك نامايان قىلدى. بۇ ئىدىيە سىستېمىسىدا، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى زور ھۆكۈمىگە ئاساسەن، ئەينى ۋاقىتتىكى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ھۆكۈمگە نىسبەتەن ئوخشاش دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە؛ ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى «ئىككى 15 يىل»نىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن لايىھەلىنىشى ئالدىنقى ئەسىردىكى «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئوخشاش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. مۇنداقچە ئېيقاندا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيەسىدىن كېيىنكى ماركسىزم-لېنىنىزم ئىدىيەسىنىڭ جۇڭگو ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشىدىكى يەنە بىر قېتىملىق تارىخىي سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  يېڭى بىر دەۋرنىڭ يېتىپ كېلىشى دائىم يېڭى ئىدىيە، يېڭى نەزەرىيەنى بەلگە قىلىدۇ. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدا جۇڭگودىكى تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بېرىشى، تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنىڭ سەۋەبى ۋە ئاچقۇچى دەل يېڭى ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىك قىلىنغانلىقىدا. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش باش ۋەزىپىسىنى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانىنى، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتۇر... شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى ئۆتكەن بەش يىلدىكى ئەڭ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە مۇۋەپپەقىيەت، شۇنداقلا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدىكى ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى.

  «جۇڭگو بۇنىڭدىن كېيىن بىر كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەردە ئوخشاش كۈچلۈك بولىدۇ!»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى زامانىمىز كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى بايان قىلدى. يۈز نەچچە يىل ئىلگىرى، بەزىلەر جۇڭگونىڭ قالاقلىقىنى ماددىي بۇيۇم، تۈزۈم ۋە كۆزقاراشتىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامدىكى قالاقلىققا يىغىنچاقلىغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان %30 ئەتراپىدىكى ئوتتۇرىچە تۆھپە نىسبىتى ئامېرىكا، ياۋرۇ رايونى ۋە ياپونىيەنىڭ قوشقان ئومۇمىي تۆھپە يىغىندىسىدىنمۇ ئېشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان جۇڭگو ئىدىيەسىنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى قازىدىغانلىقىغا زور ئۈمىد باغلاندى. ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە، شى جىنپىڭ ئىدىيەسى ھازىرقى زامان جۇڭگوسىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشىنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ كەڭ بولغان نەزەر دائىرىسى، چوڭقۇر ئىدىيەۋى كۈچى، ئاجايىپ سىياسىي ئەقىل-پاراسىتى، ئاجايىپ ئىستراتېگىيەلىك نەزىرى بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى سۆزى» دۇنيا بويىچە 160تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندا 6 مىليون نۇسخىدىن ئارتۇق تارقىتىلىپ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچى بار رەھبەر ئەسىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بىز ئوتتۇرىغا قويغان «يېڭى دەۋر»گە كىرىش ئۆزىنىڭ گېپىنى قىلىش ئەمەس، ۋاقىتقا تايىنىپ پەرققە ئايرىشمۇ ئەمەس، ئۇ چوقۇم كۈچلۈك بولغان ئەمەلىي لوگىكىغا ۋە توغرا بولغان تارىخىي لوگىكىغا ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.

  يېقىندا قويۇلغان ئامېرىكا ھۆججەتلىك فىلىمى «جۇڭگو: شى جىنپىڭ دەۋرى»نىڭ فىلىم نازارەتچىسى مۇنداق قارىدى: «ئۆتكەن بەش يىلدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سىياسەت نەزەر دائىرىسى ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى تولۇق نامايان قىلىپ، جۇڭگو تارىخىدىكى يېڭى ئابىدە بولۇپ قالدى.» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ «كۈچلۈك» بولۇشىغا كۈچلۈك ئىزاھات بېرىپلا قالماي، يەنە شۇنداقلا دۇنيانى جۇڭگو ئەقىل پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستاپا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر