باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بالىلار كۆيۈپ زەخمىلەنسە تۆۋەندىكى بەش قەدەم بويىچە بىر تەرەپ قىلىڭ

راكېتا ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسى كۆيۈك بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تاۋ بەيجياڭ

2017.09.26 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بالىلار شوخ-كەپسىز بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كۆيۈپ زەخمىلىنىپ قېلىشى تۇرمۇشتا دائىم كۆرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ قايناق سۇ، ئۇماچ ياكى قايناق ماي دېگەندەكلەر بىلەن ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشى پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، پەقەت تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك ئىشقا دىققەت قىلىشنى كۈچەيتسەكلا، ئۇ خىل كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  1. چايدان، قايناق شورپا قازىنى، توك سۇدان، ئىسسىق تاماق قاچىلانغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، شۇنىڭدەك چاقماق، سەرەڭگە، ئىسرىق (پاشىغا قارشى)، توك پار، توك دەزمال قاتارلىقلارنى كىچىك بالىلار ئالالمايدىغان يەرگە قۇيۇش كېرەك. ھەمدە، بالىلارنىڭ تارتىپ ئۆرۈۋېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىسسىتقۇنىڭ تۇتقۇچىنى ئىچكى تەرەپكە قارىتىپ قويۇش لازىم.

  2. بالىلارنىڭ يامىشىپ بېرىپ تارتىپ ئۆرۈۋېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قايناق شورپا ۋە ئىسسىق ئىچىملىكلەرنى ئۇزۇن ئۈستەل لاتىسى، دەسمال ياكى كىتاب-گېزىتلەرنىڭ ئۈستىگە قويماڭ. بالىلارنىڭ ئاشخانا ئىچىدە يۈگۈرۈپ، ئويۇن ئوينىشىدىن ساقلىنىڭ؛ قايناق شورپا ياكى ئىسسىق تاماقلارنى كۆتۈرۈپ چىققاندا، ئالدى بىلەن ئائىلىدىكىلەرگە ئەسكەرتىپ قويۇڭ.

  3. بالىلارنى مۇنچىغا يالغۇز كىرگۈزمەڭ. بالىنى يۇيۇندۇرغاندا، ئالدى بىلەن سوغۇق سۇ قويۇپ، ئاندىن ئىسسىق سۇ قۇيۇپ بېرىڭ، ھەمدە ئائىلە باشلىقلىرى ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ يېنىدا تۇرۇپ بەرسۇن.

  4. ئۆيدىكى خىمىيىلىك تازىلاش دورىسى، مەسىلەن، تەرەت قاچىسىنى تازىلاش دورىسى، دات چىقىرىش دورىسى، ئىشقار ۋە سۇ تۇرۇببىسى تازىلاش دورىسى قاتارلىقلارنى بالىلارنىڭ خاتا ھالدا يەۋىلىشى ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچىرىشىشىنىڭ خىمىيىلىك كۆيۈك پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ئۇلاردىن ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىشى، بۇ خىل دورىلارنى يوشۇرۇن جايغا قويۇپ ساقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.

  5. بالىلار كۆيۈپ زەخمىلەنگەندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا ئالدىراپ كەتمەي، زەخمىنى ۋاقتىدا توغرا بىر تەرەپ قىلىش، يارا ئېغىزىنىڭ چوڭقۇرلاپ ۋە ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

  كۆيۈپ زەخمىلەنگەن بالىلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى توغرا ئۇسۇللار تۆۋەندىكىچە:

  1. بالىنى ئىسسىقلىقى 15 گرادۇستىن 20 گرادۇسقىچە بولغان ئېقىپ چۈشىۋاتقان سوغۇق سۇغا 15 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە تۇتۇپ، شۇ ئارقىلىق تېرە يۈزىنىڭ ئىسسىقلىق تېمپېراتۇرسىنى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىتىش لازىم.

  2. بالىنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىملەرنى قايچا بىلەن كېسىپ ئېچىش، شۇنداق قىلىش ئارقىلىق، يارا ئېغىزى ئۈستىدىكى سۇلۇق قاپارتمىنى ئامالنىڭ بارىچە يېرىۋەتمەسلىك، قىسمەن چاپلىشىپ قالغان قىسىمنى ۋاقتىنچە قويۇپ قويۇش، كۈچەپ ئاجراتماسلىق لازىم.

  3. كۆيۈپ زەخمىلەنگەن جاينى ئەڭ ياخشىسى 15 گرادۇستىن 20 گرادۇسقىچە بولغان سوغۇق سۇغا داۋاملىق 15 مىنۇت چىلاپ قويۇڭ، بۇنداق بولغاندا ئاغرىقنى پەسەيتكىلى، بالىنىڭ كەيپىياتىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ. لېكىن، سوغۇق سۇغا چىلاپ قويۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا ئاسانلا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلەپ كېتىشىنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  4.كۆيۈپ زەخمىلەنگەن بالىلارنىڭ يارا ئېغىزىنى پاكىز لۆڭگە، پاكىز رەخت ياكى پاكىز داكا بىلەن يېپىپ قويۇڭ، سىرتىدىن ئىشلىتىدىغان دورىلار ياكى غەيرى رىتسىپلىق دورىلارنى سۈركىمەڭ.

  5. كۆيۈپ زەخمىلەنگەن بالىلارنىڭ يارا ئېغىزى ناھايىتى كىچىك ۋە بەك تېيىز بولمىسىلا، ئۇلارنى دەرھال ئەتراپتىكى مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشىڭىز لازىم. ئۇلارنى دوختۇرلار ئۆزلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ داۋالىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر