باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مەملىكەت بويىچە ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقى ئېپىدېمىئولوگىيەسىنىڭ 4- قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

ئېلىمىزدە بالىلارنىڭ چىشى چىرىش كېسىلىنىڭ تارقىلىشى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىماقتا

2017.09.20 13:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بۈگۈن مەملىكەت بويىچە ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقى ئېپىدېمىئولوگىيەسىنىڭ 4- قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. ئېلىمىزدە بالىلارنىڭ چىشى چىرىش كېسىلىنىڭ تارقىلىشى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىماقتا. 12 ياشتىكى بالىلارنىڭ چىرىگەن چىشىنىڭ سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 0.86 دانىگە يەتكەن بولۇپ، ئۇنداقلار دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىكەن.

  تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، ئاھالىلەرنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنىڭ سەۋىيەسى تەدرىجىي ئۆسكەن. 10 يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئاھالىلەرنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنىڭ سەۋىيەسى ۋە ساغلاملىق ھەرىكىتى ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ياخشىلانغان.

  بۇنىڭ ئىچىدە، ئاھالىلەر ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئىگىلەش نىسبىتى %60.1گە يەتكەن، %84.9 كىشىلەر ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىغا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتقان. بەش ياشلىق ۋە 12 ياشلىق بالىلارنىڭ ھەر كۈنى ئىككى قېتىم چىش چوتكىلاش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %24.1 ۋە % 31.9گە يەتكەن، فىتورلۇق چىش پاستىسىنى ئىشلىتىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %42.1 ۋە %55گە يەتكەن، ئېغىز بوشلۇقى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەكشۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %40 ۋە %43نى ئىگىلىگەن. چوڭلارنىڭ ھەر كۈنى ئىككى قېتىم چىش چوتكىلاش نىسبىتى %36.1گە، فىتورلۇق چىش پاستىسىنى ئىشلىتىش نىسبىتى %61.0گە يەتكەن. ھەر قايسى ياش باسقۇچىدىكى ئاياللارنىڭ ھەر كۈنى ئىككى قېتىم چىش چوتكىلاش نىسبىتى ئەرلەردىن يۇقىرى ئىكەن، بۇ نىسبەت شەھەردە يېزىلاردىكىدىن يۇقىرى ئىكەن.

  دېمەك، بالىلاردا چىش چىرىش كېسىلىنىڭ تارقىلىشى تۆۋەن سەۋىيەدە ئىكەن، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساقلىقىنى ساقلاش مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، 12 ياشتىكى بالىلاردا تۇراقلىق ھالدىكى چىش چىرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %34.5گە يەتكەن، 10 يىل بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا 7.8 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. بەش ياشتىكى بالىلاردا سۈت چىشى چىرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %70.9گە يەتكەن، ئون يىل بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا 5.8 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. يېزىلاردا شەھەردىكىلەردىن يۇقىرى كېلىدىكەن. بالىلاردىكى چىش چىرىش ئەھۋالىدا ئۆرلەش ھالىتى كۆرۈلمەكتە.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىشىچە، ئەگەر 12 ياشقىچە بولغان بالىلاردىكى چىرىگەن چىشنىڭ سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.2 تالدىن ئاز بولسا، بۇ، چىش چىرىش كېسىلىنىڭ تارقىلىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا بويىچە 12 ياشلىق بالىلاردا چىرىگەن چىشنىڭ سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.86 دانە بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىدا 12 ياشلىق بالىلاردا 1.2 تال، ياپونىيەدە 1.4 تال، كورېيەدە 1.8 تالغا يېتىدىكەن. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ئېلىمىزدە 12 ياشقىچە بولغان بالىلاردا چىرىگەن چىشنىڭ سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 0.86 تال بولۇپ، بۇ، ئېلىمىز نۆۋەتتە يەنىلا تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر