باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

جايىدا ئۇزاق ئولتۇرغاننىڭ خەۋپ-خەتىرى قانچىلىك چوڭ؟ ئۇ، ئۆلۈپ كېتىشتەك خەۋپ-خەتەر بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن

2017.09.18 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جايىدا ئۇزاققىچە جىم ئولتۇرسا، سالامەتلىككە ئاسانلا زىيان يېتىدۇ. ئىلگىرىكى تەتقىقات دوكلاتلىرىدىن قارىغاندا، جايىدا ئۇزۇن ئولتۇرسا، ئۇ بەلكىم بىر قىسىم بەل-پۇتلار تۈردىكى ئاغرىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، يۈرەك كېسىلى دېگەندەك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن. يېقىندا، ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنۇلار تېخىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان: جايىدا بىر قېتىمدا 60 مىنۇتتىن ئۇزاق ۋاقىت جىم ئولتۇرسا، ئۆلۈپ كېتىش خەۋپ-خەتىرى ھەسسىلەپ ئاشىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، گەرچە كېيىنچە ئارتۇق ھەرىكەت قىلسىمۇ، بۇ ئاقىۋەتنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن.

  كىشىلەرنىڭ جايىدا ئۇزاققىچە جىم ئولتۇرغان ۋاقتى ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بىۋاسىتە ئامىلىدۇر.

  كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يانپاش بوغۇم ھەرىكىتىنى كۆزىتىش تەتقىقاتىدىن پايدىلىنىپ، 7985 نەپەر 45 ياشتىكى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى قۇرامىغا يەتكەنلەرنى تۆت يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارغان. شۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ ئوتتۇرىچە جىم ئولتۇرۇش ۋاقتى سەگەك ۋاقتىنىڭ %77نى ئىگىلەيدىكەن. ئۇلارنىڭ جىم ئولتۇرۇش ۋاقتى كۈنىگە 12 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن دېگۈدەك ئىكەن. بۇ تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، سىناق قىلغۇچىنىڭ ئىچىدە 340 نەپەر كىشى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئالەمدىن ئۆتۈپ كەتكەن. تەتقىق قىلىنغان ئاخىرقى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىر كىشىنىڭ ھەر كۈنى جايىدا جىم تۇغۇلغان ۋاقتى ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ بىۋاسىتە ئامىلى ئىكەن.

  بىر قېتىمدا 60 مىنۇتتىن كۆپ ئولتۇرسا، ئۆلۈپ كېتىش خەۋپ-خەتىرى ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، گەرچە كېيىنچە ئارتۇق ھەرىكەت قىلسىمۇ، بۇ ئاقىۋەتنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ جىم ئولتۇرغان ۋاقتى بىلەن جىم ئولتۇرغان شەكلىنى ئۇنىۋېرسال سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، مۇنۇلارنى بايقىدى: ھەر كۈنى جىم ئولتۇرغان ۋاقتى 13 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن تەتقىقات ئوبيېكتى ۋە بىر قېتىمدا جىم ئولتۇرغان ۋاقتى 60 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتكەن تەتقىقات ئوبيېكتىنى ھەر كۈنى جىم ئولتۇرغان ئومۇمىي ۋاقىت ئۇزۇنلۇقى ئەڭ قىسقا بولغان، شۇنداقلا بىر قېتىمدا جىم ئولتۇرغان ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولغان تەتقىقات ئوبيېكتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار كېيىنكىلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئەمما بىر قېتىمدا جىم ئولتۇرغان ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئاشمىغان تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپ-خەتىرى ئەڭ تۆۋەن بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق تەكلىپ بەردى: ھەر قېتىمدا 30 مىنۇت جىم ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى ئورنىدىن تۇرۇپ بەش مىنۇت ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىپ بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، پات-پات پاچاق ۋە پۇت قىسمىنى ھەرىكەت قىلدۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پۇتنى سوزۇش ۋە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش دېگەندەك ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بەرسە، پۇتنىڭ قان ئايلىنىشى تېزلىشىپ، يۈرەك قان تومۇر قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللەرنىڭ شەكىللىنىشى ئازىيىپ، ئۆلۈپ كېتىش خەۋپ-خەتىرى تۆۋەنلەيدۇ.

  ئۇزاققىچە جايىدا جىم ئولتۇرۇشنىڭ بەدەنگە قانداق زىيانلىرى بار؟ يۈرەك كېسىلى

  ئۇزاق ئولتۇرۇپ ئاز ھەرىكەت قىلغۇچىنىڭ قان ئايلىنىشى ئاستىلاپ، قاننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئېشىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىراش كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئۇنداق كىشىلەرنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى دائىم ھەرىكەت قىلىدىغان ياكى جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىلارغا قارىغاندا تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.

  مەزى بېزى ياللۇغى

  ئۇزاق ئولتۇرسا، مەزى بېزىنىڭ قان ئايلىنىشى ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مېتابولىزم ھاسىلاتلىرى يىغىلىپ قالىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ، مەزى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  تۇغماسلىق كېسىلى

  ئۇزاق ئولتۇرسا، ئاستى قىسىم قورساق بوشلۇقى ۋە داس بوشلۇقىنىڭ قان ئايلىنىشى راۋان بولماي، تۇخۇمدانغا قان يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن، ئۇ يەنە ئۇنىڭغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۇغۇتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى

  ئۇزاق ئولتۇرغانلارنىڭ بېشى دائىم ئالدىنقى تەرەپكە ساڭگىلاقلىق تۇرىدىغان بولغاچقا، بويۇن قىسىمنىڭ تومۇرى بېسىلىپ قېلىپ، مۇسكۇل چىڭقىلىدۇ. بويۇن قىسمىنىڭ تارىمۇشى، مۇسكۇل پېيى ۋە پەي غىلىپى بوشالماي، بويۇن ئومۇرتقىسىغا سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش، بويۇن سىڭىرى قېتىپ قېلىش ۋە سۆڭەكلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بويۇن ئومۇرتقىسى شۇنىڭغا ئەگىشىپ قېتىپ تۈز بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  «ئىشخانا خىزمىتى راكى»

  ئۇزاق ئولتۇرسا، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتى ئاجىزلاپ كېتىپ، گەندە تەركىبىدىكى زىيانلىق تەركىبلەر ۋە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بوغماق ئۈچەي ئىچىدە تۇرۇپ قالىدۇ، ھەمدە ئۇلار ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى غىدىقلايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇزاق ئولتۇرغانلارنىڭ قىسمەن قان ئايلىنىشى راۋان بولماي قالىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ ئۈچەي يولى ئىممۇنىتېت توسىقى ئىقتىدارىنىڭ ئاسانلا تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى مۇتەخەسسىسلەر كىشىلەرنىڭ ئىشخانىدا ئۇزاق ئولتۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بوغماق ئۈچەي راكىنى «ئىشخانىدىكى خىزمەت راكى» دەپ ئاتايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر