باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ۋىتامىن B3 بويىدىن ئاجراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ

2017.09.14 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پۈتۈن يەر شارىدا ھەر يىلى يەتتە مىليون 900 مىڭچە بوۋاق جىسمانىي جەھەتتىن كەمتۈك تۇغۇلىدىكەن، ئاۋسترالىيەدىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسمىدا بويىدىن ئاجراپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلىدىكەن. «يېڭى ئىنگلاند تېببىي ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھامىلىدار ئاياللار ۋىتامىن B3نى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بويىدىن ئاجراش نىسبىتى ۋە ھامىلىنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن كەمتۈك تۇغۇلۇش نىسبىتى تۆۋەنلەيدىكەن.

  ئاۋسترالىيە يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس ئۇنىۋېرسىتېتى جاڭ رېنچيەن يۈرەك تەتقىقات ئورنىدىكى ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، NAD (قىسقارتىلىپ قوشۇمچە ئېنزىم دېيىلىدۇ)دىكى مۇھىم مۇلىكۇلا كەمچىل بولسا، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى ئىچىدىكى بوۋاق ئەزالىرىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە دەخلىسى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار تەجرىبە ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە شۇنى بايقىدىكى، ئىنسانلارغا ئوخشاش NAD كەمچىل بولغان كىچىك چاشقانغا ۋىتامىن B3نى يېگۈزگەندىن كېيىن، تەجرىبە قىلىنغان ئۇ چاشقىنىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، ھەمدە چاشقان بالىسىمۇ كەمتۈك تۇغۇلمىغان. ھامىلىدار ئاياللار يېمەك-ئىچمىكىدە ۋىتامىن B3نى تولۇقلاپ بەرسە، بويىدىن ئاجراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدىكەن، ھەمدە بوۋاقلارنىڭ جىسمانى جەھەتتىن تۇغما كەمتۈك ھالدا تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىمۇ بولىدىكەن.

  كېيىنكى قەدەمدە، تەتقىقاتچىلار ئادەم بەدىنىدىكى قوشۇمچە فېرمېنت مىقدارىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈپ چىقىش ئەسۋابىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقماقچى ئىكەن. بۇ خىل تېخنىكا ئارقىلىق، قايسى ئايالنىڭ جىسمانىي كەمتۈك بوۋاقنى تۇغۇپ قويۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بالدۇرراق بايقاشقا قولايلىق ياراتقىلى بولىدىكەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ يېتەرلىك مىقداردا ۋىتامىن B3نى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىنى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر