- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كالا سۈتى، قېتىق ۋە سۈت پاراشوكى قاتارلىقلار ئارىسىدا قانداق پەرقلەر بار؟
2017.09.13 14:53 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوقۇرمەن يې خانىم مۇنداق دەپ سورىدى: يېشىم چوڭىيىپ قالغانلىقتىن، سۈت ئىچىپ كالتسىي تولۇقلاي دېگەن ئىدىم، قارىسام، كالا سۈتى، قېتىق ۋە سۈت پاراشوكى قاتارلىقلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئوخشاپ كېتىدىكەن، بىراق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قانداق پەرقلەرمۇ بارمۇ-قانداق؟
يۇقىرىقىدەك سۇئالغا جەنۇب تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى جەنۇب دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ ئوزۇقلۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇتەخەسسىسى ۋۇ شياۋمىن مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: مەيلى سۈت، قېتىق ياكى سۈت پاراشوكى بولسۇن، ئوزۇقلۇق قىممىتى جەھەتتە، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن بىر ئورتاق ئالاھىدىلىك بار، يەنى ئۇلارنىڭ تەركىبىدە كالتسىي مول بولىدۇ. كالا سۈتى تەركىبىدە سېللۇلوزا يوق بولغاندىن باشقا، تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار ئاساسەن بار بولۇپ، ئۇنىڭدىكى زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ نىسبىتى ئادەم بەدىنىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كالا سۈتىدىكى لاكتوزا بولسا، كالتسىي، تۆمۈر ۋە سىنك قاتارلىق مىنېرال ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
قېتىق بولسا، سۈتنىڭ ئۈنۈمىنى، يەنى ئۇنىڭ سۆڭەك ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ساغلاملىق ئۈنۈمىنى ساقلاپلا قالماي، ئۇ يەنە ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكلەرگىمۇ ئىگە. مەسىلەن، ئۇ بەدەندە ئاسان ھەزىم بولىدۇ ۋە بەدەن تەرىپىدىن ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ، ھەمدە لاكتوزىنىڭ چىدامسىزلىقى تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغان قورساق كۆپۈش ۋە ئىچى سۈرۈشنى پەسەيتىدۇ.
سۈت پاراشوكىغا كەلسە، ئۇ كالا سۈتىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، سۇسىزلاندۇرۇش ھەم قۇرۇتۇپ پاراشوك ھالەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. قىزىتىپ بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىكى ئاقسىل نوكچىسى كىچىك ۋە يۇمشاق بولىدۇ. سۈت پاراشوكى ئاسان ھەزىم بولىدۇ، ھەمدە باكتىرىيە ئۆلتۈرۈلۈپ دېزىنفېكسىيەلەنگەندىن كېيىنكى سۈت پاراشوكىنى سۈت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ زىيادە سەزگۈرلۈكنى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى نىسبەتەن ئازراق بولىدۇ. لېكىن، سۈت پاراشوكىنىڭ تەركىپىدە، ياغ، شېكەر ۋە ۋىتامىن قاتارلىقلار سۈتكە قارىغاندا سەل ئاز بولىدۇ. مەن سىزگە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاللىشىڭىز كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر