باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئىشخانىدا ئۇزاق ئولتۇرسا، ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى كۆپىيىدۇ

2017.09.07 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ 4- چېسلا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىشخانىدا ئۇزاق ئولتۇرسا، ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى كۆپىيىدىكەن. تەتقىقاتچىلار ئادەملەرگە كۆپ ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل خەۋپ-خەتەرنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىق توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. بۇ تەتقىقات ئەنگلىيە «خەلقئارا ئېپىدېمىئولوگىيە ئىلمىي ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان.

  ئاۋسترالىيە ۋىكتورىيە راك كېسىلى جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ۋە بۇ تۈر تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى ئاپتورى بۇلجىدې لىنچ دوكتور مۇنداق دېدى: تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىشخانىدا ئۇزاق ئولتۇرغانلارنىڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى %44 كۆپىيىدىكەن. خىزمەتكە بېرىپ-كېلىش جەريانىدا، ئەگەر پىيادە مېڭىش، ۋېلىسىپىت مىنىش، ياكى ئىشخانىدا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا، ئۈچەي راكى ۋە بوغماق ئۈچەي راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ.

  لىنچى يەنە مۇنداق دېدى: ئۇزاق ئولتۇرۇش خۇددى باشقا خىلدىكى راكلارغا گىرىپتا بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئامىللارغا ئوخشاش بىر مەسىلە. مەسىلەن، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى، تاماكا چېكىش ئەھۋالى ۋە ئىسپىرت قوبۇل قىلىش مىقدارى قاتارلىقلار سالامەتلىك ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللاردۇر. ئۇزاق مۇددەت ئولتۇرىدىغان ئادەملەرنىڭ ئۈچەي راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش ئادىتى بار ئادەملەرگە قارىغاندا ھەقىقەتەن يۇقىرى بولىدۇ، ئەمما ئۇزاق مۇددەت ئولتۇرۇش راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۇقىرى خەتەرلىك ئامىل ھېسابلانمايدۇ. ھەممىگە مەلۇم، تاماكا چېكىش ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۇقىرى خەتەرلىك ئامىل، لېكىن ئۇزاق مۇددەت ئولتۇرۇش تېخى ئۇنداق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ.

  لىنچ يەنە مۇنداق دېدى: ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۈچتىن بىر قىسىم راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ، مەسىلەن، مۇۋاپىق ھالدا ھەرىكەت قىلىش، ساغلام بولغان يېمەك-ئىچمەك، تاماكا چەكمەسلىك ۋە ھاراقنى ئاز ئىچىش قاتارلىقلار بار.

  لىنچ يەنە مۇنداق دېدى: ئىشخانىدا ئۇزاق مۇددەت ئولتۇرۇش بولسا، خەۋپ-خەتەرنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىز دىققەت قىلمىغان ئامىلى. ھەرىكەت قىلىش ئۇسۇلى بولسا، ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇشنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. ئىدارىلەردە خىزمەتچىلەرنى قەرەللىك ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ بىردەم ھەرىكەت قىلىشىغا ئىلھاملاندۇرۇپ بېرىش، ھەمدە ۋېلىسىپىت توختىتىش ئورنى دېگەندەك ھەرىكەتچان ئىشلەش ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر