باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

قاراڭغۇدا يان تېلېفون ئوينىسا كۆزگە قانچىلىك زىيىنى بار؟

2017.09.06 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئابۇنت ئوقۇرمەن تاڭ خانىم مۇنداق دەپ سۇئال سورىدى: بالام بۇ يىل سەككىز ياشقا كىردى، ئۆيدە چىراغ ياقماي قاراڭغۇدا يان تېلېفون ئويناشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ بوۋىسى گىلاۋكوما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، بالىلار يان تېلېفوننى بۇنداق ئوينىسا، ئۇنىڭ كۆزگە بولغان زىيىنى چوڭ بولامدۇ؟ كۆزنى قانداق ئاسراش كېرەك؟

  جەنۇب تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەنۇب دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر بەي لاڭ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: مەيلى كىتاب ئوقۇسۇن، خەت يازسۇن، ياكى يان تېلېفون ئوينىسۇن، مۇھىت بەك يورۇق ياكى بەك قاراڭغۇ بولسا، كۆرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كۆزنىڭ ئاسانلا چارچايدىغان بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. قاراڭغۇ مۇھىتتا ئۇزاق ۋاقىت يان تېلېفون ئوينىسا، كۆز قارىچۇقى چوڭىيىپ كېتىپ، كۆز سۇيۇقلۇقىنىڭ بېسىمى ئۆرلەپ كېتىشى مۇمكىن، مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسا، گىلاۋكوما كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ گىلاۋكوما كېسىلىدە جەمەت تارىخى بار كىشىلەردە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ كۆز ئېقى بىر قەدەر يۇمشاق بولغاچقا، ئۇلاردا كۆز سۇيۇقلۇقىنىڭ بېسىمى ئۆرلەپ كېتىپ، كۆز قارىچۇقى بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا يىراقنى كۆرەلمەسلىك نۇقسانى پەيدا بولىدۇ، ياكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك دەرىجىسى چوڭقۇرلىشىپ كېتىدۇ.

  بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلاردا كۆزنى ياخشى ئىشلىتىشنىڭ ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. يەنى تۆۋەندىكىدەك: 1. ئۇلار دالا پائالىيىتىگە كۆپ قاتنىشىپ بېرىشى كېرەك. يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە تېخى گىرىپتار بولمىغان بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار دالا پائالىيىتىگە كۆپ قاتنىشىپ بەرسە، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالغىنى بولىدۇ؛ 2. كۆز ئىشلىتىش ئارىلىقىغا ۋە ۋاقىت ئۇزۇنلۇقىغا دىققەت قىلىپ، ھەر 30- 40 مىنۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا، كۆزنى 10 مىنۇت ئارام ئالدۇرۇش كېرەك؛ 3. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئاز ئىشلىتىپ، ھەر قېتىم 10- 15 مىنۇت ئىچىدە ئويناشنى كونترول قىلىش كېرەك؛ 4. ئۆي ئىچىدىكى نۇر يېقىملىق بولۇشى كېرەك، چىراغ نۇرىنى كۆزگە ياكى ئېكرانغا بىۋاسىتە ۋە ئۇدۇل قاراتماسلىق كېرەك؛ 5. يېتەرلىك ئۇيقۇغا ۋە تەڭپۇڭ بولغان ئوزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بەدىنىدە ۋىتامىنA ، B1، B12، C، E، D، كالتسىي ۋە سىنك قاتارلىق ئېلېمېنتلار كەمچىل بولسا، ئاسانلار ساختا خاراكتېرلىك يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا يېمەك-ئىچمەكتە بۇلارنى يېيىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر