باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مېڭە يېلىملىق ماددا ئۆسمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يان تېلېفوننى ياستۇق ئاستىغا قويماڭ

2017.09.05 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىڭە راكى تىلغا ئېلىنسا، پۇقرالار بۇنى ئىنتايىن ئېغىر بولغان بىر خىل كېسەللىك دەپ ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە مېڭە راكى، يەنى مېڭە يېلىملىق ماددا ئۆسمىسى ھەقىقەتەن بىر خىل قورقۇنچلۇق بولغان شىپاسىسىز كېسەلدۇر. بۇ خىل كېسەللىك قىرىق- ئەللىك ياشتىكى ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان، ھەمدە بىرلەمچى مېڭە ئۆسمىسى ئىچىدە كېسەل بولۇش نىسبىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۆلۈش نىسبىتى ئاشقازان ئاستى بېزى راكىدىن كېيىنلا تۇرىدىغان راك كېسىلىدۇر. بۇ خىل راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بېشى يېرىلىپ كەتكۈدەك ئاغرىيدۇ، ئاغرىق دەردىدىن جاندىن تويغۇدەك بولۇپ كېتىدۇ. توردا بەزىلەر، يانفوننى كۆپ ئىشلىتىش، كەچتە ئۇخلىغاندا يان تېلېفۇننى بېشى ئەتراپىغا قويۇش مېڭە راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، دېيىشىدۇ، بۇ راستمۇ؟

  بېيجىڭ تيەنتەن دوختۇرخانىسى مېڭە يېلىملىق ماددا ئۆسمىسى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور لى ۋېنبىن «خەلقنىڭ ياخشى دوختۇرى» ناملىق ئابونتلار تېرمىنالىنىڭ بىۋاستە كۆرسىتىش پىروگراممىسىدا مۇنداق دېدى: مېڭە يېلىملىق ماددا ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، ئىرسىيەت ئامىلى، خىمىيىلىك ئامىل، ناچار تۇرمۇش ئادىتى، كېسەلگە قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەش، شۇنداقلا كەيپىيات تەسىرى ۋە ياكى بىر قىسىم رادىئاتسىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  يانفون رادىئاتسىيەسىنىڭ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ پىروفېسسور لى ۋېنبىن: بۇ ئىش توغرىسىدا نۇرغۇن يىل مۇنازىرە قىلىندى، لېكىن ھازىرغىچە بىر ھۆكۈم يوق، لېكىن يان تېلېفون بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت ۋە چوڭ سىجىللىقتا ئۇچرىشىش چوقۇم سالامەتلىككە پايدىسىز. «مېنىڭ بىر قانچە بىمارىم يانفوننى 24 سائەت ئەتمەي ياستۇق ئاستىغا قويۇپ قوياتتى، نۇرغۇن بىمارلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق ئادىتى بارلىقىنى ئېيتقان»، دېدى.

  بۇنىڭغا قارىتا، پروفېسسور لى ۋېنبىن كۆپچىلىكنىڭ كەچتە يانفوننى ئامال بار ئېتىشىنى، ياكى يانفوننى ياستۇقتىن يىراق قويۇشىنى ئەسكەرتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر