باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

كۆپىنچە ھاللاردىكى باش ئاغرىش ئەسلىدە مېڭە راكىدىن ئەمەس، شۇڭا، ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىش ھاجەتسىز

2017.09.05 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مېڭە راكى تىلغا ئېلىنسىلا، نۇرغۇن كىشىلەر ئادەتتىكى باش ئاغرىشنىمۇ زىيادە پەرەز قىلىپ، مېڭە راكىغا گىرىپتار بولغان ئوخشايمەن، دەپ ئويلايدۇ. بېيجىڭ شىجىتەن دوختۇرخانىسى مېڭە يېلىملىق ماددا ئۆسمىسى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى ۋېنبىن پىروفېسسور ئابۇنتلارغا بىۋاسىتە كۆرسىتىدىغان «خەلقنىڭ ياخشى دوختۇرى» دېگەن پىروگراممىدا مۇنداق دېدى: كۆپىنچە ھاللاردىكى باش ئاغرىش ئەسلىدە مېڭە راكىدىن ئەمەس، شۇڭا، ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىش ھاجەتسىز، چۈنكى، ناۋادا باش ئاغرىشنىڭ سەۋەبى ھەقىقەتەن مېڭە راكىدىن بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ خىل باش ئاغرىشنى كۆپىنچە ھاللاردا مېڭە ئىچىدىكى يۇقىرى بېسىم كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل باش ئاغرىشتا باش ئادەتتە چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ، ھەمدە قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

  لى ۋېنبىن پىروفېسسور تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كىشىلەرنىڭ مېڭە يېلىملىق ماددا ئۆسمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ، ئۇنىڭ نىسبىتى ئادەتتە ئون مىڭدىن بەشتىن ئون مىڭدىن سەككىزگىچە ئارىلىقتا بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بارلىق ئۆسمە كېسەللىرى ئىچىدە ئاخىرىغا تىزىلىدۇ. ئەمما ئۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

  ھازىر، مېڭە يېلىملىق ماددا ئۆسمىسىنى داۋالاشتا يەنىلا ئەنئەنىۋى ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى، رادىياتسىيەلىك ۋە خىمىيەلىك داۋالاش ئۇسۇلى دېگەندەك ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ. رادىياتسىيەلىك ۋە خىمىيەلىك داۋالاشتا ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولىدىغىنى بىرلەشتۈرۈلگەن رادىياتسىيەلىك ۋە خىمىيەلىك داۋالاش بولۇپ، ئۇنىڭدا رادىياتسىيەلىك داۋالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، داۋالاشتا يەنە خىمىيەلىك دورىلارنىمۇ ئىشلىتىدۇ، قوشۇمچە خىمىيەلىك داۋالاش بولسا، داۋالاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە ھازىر يەنە نۇرغۇن نىشانلىق داۋالاش ۋە ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش دېگەنلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ھازىر تېخى كىلىنىكىدا سىناق قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

  چۈشىنىپ قويۇشقا تېگىىشلىك بولغىنى شۇكى، بارلىق يېلىملىق ماددا ئۆسمىسىنىڭ ھەممىسى قايتا قوزغىلىشى مۇمكىن، داۋالاش ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولغانلىرىنىڭ قايتا قوزغىلىش ۋاقتى ئۇزىرايدۇ، بىمارنىڭ بەش يىل ئىچىدە ھايات قېلىش نىسبىتى %9.8 بولىدۇ.

  يېلىملىق ماددا ئۆسمىسىنىڭ قايتا قوزغىلىش ۋاقتى شەخسىنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە ھەر خىل مۇھىت ئامىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەڭ تېز بولغاندا ئوپېراتسىيە ئاخىرلىشىپ، رادىياتسىيەلىك ۋە خىمىيەلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزگىللەردە، يەنى ئوپېراتسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىنكى بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قايتا قوزغىلىدۇ. لېكىن بەزى بىمارلار ئوپېراتسىيە قىلغىلى سەككىز يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كېسىلى قايتا قوزغالمىغان.

  ئادەتتىكى ئۆسمە ئەگەر بەش يىلدىن كېيىن قايتا قوزغالمىسا، ئۇنىڭ ساقايغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا، بۇ خىل بىمارلارنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولغان ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر