باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2017- يىللىق قۇربان ھېيتلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2017.08.31 10:46   مەنبە: خەلق تورى

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2017- يىللىق قۇربان ھېيتلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قۇربان ھېيت __ ئېلىمىزدىكى ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق، تاجىك، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، دۇڭشياڭ، سالا قاتارلىق 10 مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋىي بايراملىرىنىڭ بىرى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى 19-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىش ھارپىسىدا، يىلدا بىر كېلىدىغان ئەنئەنىۋىي بايرام — قۇربان ھېيت يېتىپ كەلدى.

  بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قېتىملىق قۇربان ھېيتلىق ھال-ئەھۋال سورىشىشلىرى سۈپىتىدىكى بۇ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر دوستلۇق ئۇيۇشمىسىنىڭ قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. 2017- يىل 8- ئاينىڭ 30- كۈنى، بېيجىڭدىكى ھەر ساھە ۋە ھەر كەسىپتە خىزمەت قىلىۋاتقان شىنجاڭلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئاخبارات-نەشرىيات بىناسىنىڭ پائالىيەت زالىغا جەم بولۇپ، بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيتلىق پائالىيەتنى ئۆتكۈزدى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر دوستلۇق ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بۇ ھېيتلىق پائالىيەتكە قاتناشتى. بېيجىڭدىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، ئاخبارات-تاراتقۇ، تەرجىمە-نەشرىيات، تىل-يېزىق، تارىخ-مەدەنىيەت، ئوقۇتۇش-تەتقىقات، دۆلەت كارخانىلىرى، شەخسى كارخانىلار ۋە شېرىكچىلىك كارخانىلىرىدا تىرىشىپ ئىشلەپ، ئۈنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان، ئانا يۇرتتىن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىگە مۇلازىمەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان، مىللەتلەر خىزمىتى، ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتەك شەرەپلىك بۇرچىنى زېممىسىگە ئالغان، شىنجاڭغا چوڭقۇر رىشتە باغلاپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ۋە ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى قوغداپ، ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ-تەرەققىي قىلىدىغان ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇرتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن، چېگرا رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر، كادىر-ئىشچى خىزمەتچىلەر، مۇتەخەسىس ۋە ئالىملار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھېيت خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتى. ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلەر، مۇزىكانت ۋە سەنئەتكارلار بەس-بەستە سەھنىگە چىقىپ ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى. پائالىيەت باشتىن-ئاخىر ھېيتلىق خۇشال كەيپىياتتا ئۆتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلاردا يېڭىدىن سېلىنغان 4408 يەسلى قۇرۇلۇشى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى
    ·بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر 9-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 324 يەسلىدە ھەقسىز يەسلى مائارىپى يولغا قويۇلىدۇ
    ·1-سېنتەبىردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بىر تۇتاش تۈزۈلگەن ئەخلاق ۋە قا…
    ·شىنجاڭدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز ھالدا تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان پىكىردە: شەرقىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي ر…
    ·شىنجاڭنىڭ 2017-يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 8-ئاينىڭ 28-كۈنى تىزىملىتىش باشلىنىدۇ
    ·پۇقرا مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك سوممىسى 3 مىليارد يۈەنگە يەتتى
    ·9- ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى كەچۈ…
    ·2017-يىلى ئاپتونوم رايوندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتق…