باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

ۋىتامىن كەمچىل بولغانلىقتىن، بەدەندە بۇ خىل ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ

2017.08.23 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋىتامىن بولسا، ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان غەيرىي رېتسېپ دورىسى ھېسابلىنىدۇ. بەدەندە ۋىتامىن كەمچىل بولسا، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئۇنى ۋاقتىدا تولۇقلاش كېرەك. لېكىن بەدەندە قايسى خىل ۋىتامىن كەمچىللىكىنى ھەممىلا ئادەم بىلىپ كەتمەيدۇ، بىر قىسىم ئاددىي ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  ۋىتامىن A كەم بولسا: تىرناقتا چوڭقۇر ۋە روشەن ئاق سىزىق پەيدا بولىدۇ، چاچ قۇرۇش، تېرە يىرىكلىشىش، زېھنىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، كۆڭلى بىئارام بولۇش ۋە ئۇيقۇسىزلىق دېگەندەك ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ.

  ۋىتامىن B1 كەم بولسا: ياڭراتقۇچقا بولغان زىيادە سەزگۈرلۈك ئىنكاسى بولىدۇ، پاچاق ئارىلاپ-ئارىلاپ ئاغرىدۇ.

  ۋىتامىن B2 كەم بولسا: ئېغىزى يېرىلىپ جاراھەت پەيدا بولۇپ، ھەر خىل تېرە خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە پۇت-قولى قىزىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. نۇرغا زىيادە سەزگۈرلۈك ئىنكاسى بولىدۇ.

  ۋىتامىن B6 كەم بولسا: تىلى قىزىرىپ ئىششىپ، ئېغىزى سېسىپ قېلىش، جاراھەت پەيدا بولۇپ، روھى چۈشكۈن بولۇشتەك ئالامەتلەر بولىدۇ.

  ۋىتامىن B12 كەم بولسا: ھەرىكىتىدە ئاسانلا تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ، بەدەندە پات-پاتلا ئارىلاپ-ئارىلاپ ئورنى مۇھىم بولمىغان جايلار ئاغرىش، بارماقلىرى ۋە پۇت بارماقلىرى سىرقىراپ ئاغرىشتەك ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ.

  ۋىتامىن C كەم بولسا: يارا ئېغىزى ئاسان پۈتمەيدۇ، ئاجىزلىشىپ، چىش مىلىكى قاناپ، تىل گېزى قېلىنلىشىپ كېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر