باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ۋىتامىن B3 ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنىڭ ۋە يېڭى تۇغۇلغان بالىلاردىكى جىسمانىي كەمتۈكلۈكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق

2017.08.17 14:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاۋسترالىيەدىكى بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا دېيىلىشىچە، نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنىڭ ۋە يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تۇغما كەمتۈكلۈكنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب ھامىلدار ئاياللارنىڭ تېنىدە بىر خىل ئالاھىدە مولېكۇلا كەمچىل بولغانلىقتىن بولىدىكەن. بۇ خىل ئاياللار ئەگەر ئۆزىگە ۋىتامىن B3 تولۇقلاپ بەرسە، بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا پايدىلىق بولىدىكەن.

  بۇ تەتقىقات ئاۋسترالىيە جاڭ رېنچيەن يۈرەك تەتقىقات ئورنىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى تەرىپىدىن تاماملانغان. جاڭ رېنچيەن دېگەن كىشى ئاۋسترالىيەدە ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى شۇ جايدا بىر داڭلىق جۇڭگولۇق دوختۇر ئىدى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بۇ پەن تەتقىقات ئورنىنى تەسىس قىلغان.

  مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ پروفېسسورى سەلى دېڭ ۋۇدى قاتارلىقلار ئامېرىكا «يېڭى ئېنگلاند تېببىي ژۇرنىلى»نىڭ يېڭى سانىدا دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: دۇنيا بويىچە ھەر يىلى تەخمىنەن يەتتە مىليون 900 مىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى تۇغما بولغان جىسمانىي كەمتۈكلۈك مەۋجۇت. ئاۋسترالىيەدىكى ھەر تۆت نەپەر ھامىلدار ئايالنىڭ بىرىدە بويىدىن ئاجراپ كېتىش ھادىسىسى كۆرىلىدۇ. بۇنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تېنىدە NAD دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل مولېكۇلا كەمچىل بولغانلىقتىن بولىدۇ.

  بۇ خىل مولېكۇلا بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش، ئىرسىيەت ئامىللىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىشىنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ مولېكۇلا كەم بولسا، ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە نورمال يېتىلىشىدە توسالغۇ پەيدا بولۇش نەتىجىسىدە، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىش مەسىلىسى ياكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يۈرەك، ئورمۇتقا تۈۋرۈكى، بۆرەك ۋە تاڭلاي يېرىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەر كېلىپ چىقىرىدۇ.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: گۆش ۋە يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار تەركىبىدە كەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ۋىتامىنB3نىڭ بەدەن ئىچىدە NAD مولېكۇلاسىنىڭ ھاسىل بۇلۇشى ئۈچۈن ياردىمى كۆپ. ئەمما تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۈچتىن بىر قىسىم ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ۋىتامىنB3نىڭ پەيدا بولۇش مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن، ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بولسا %60 ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ۋىتامىنB3نىڭ پەيدا بولۇش مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن.

  ئۇنىڭغا قارىتا، تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: ئاياللار ئەڭ ياخشىسى ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى خۇددى فولىك كىسلاتاسىنى تولۇقلىغانغا ئوخساش، ۋىتامىنB3نى تۇلۇقلاشنى باشلاش كېرەك. شۇنىڭغا ئۇلاپلا تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بەدەندىكى NAD مولېكۇلاسىنىڭ پەيدا بولۇش مىقدارىنى ئۆلچەيدىغان ئۇسۇلنى تەتقىق قىلىپ چىققاندا، دوختۇرلار ھامىلىدار ئاياللاردا بۇ خىل مولېكۇلانىڭ تۆۋەن بولۇشىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مول بولغان ۋىتامىن B3نى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر