باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئوزۇقلۇق بەك ياخشى ياكى بەك ناچار بولسا تاش پەيدا بولىدۇ

2017.08.14 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلىتىمىز دۇنيادا سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولۇش كېسىلى كۆپ يۈز بېرىدىغان ئۈچ چوڭ رايوننىڭ بىرى ( قالغان ئىككىسى تايلاند ۋە ئامېرىكا) بولۇپ، كېسەللىك قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى، يەنە كېلىپ، جەنۇبىي رايونلاردا پەيدا بولۇش نىسبىتى شىمالىي رايونلاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ.

  تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولۇش 25ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا كۆپ كۆرۈلىدىكەن (بۇنىڭ ئىچىدە، ئاياللار 50 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا كېسەللىك پەيدا بولۇشنىڭ ئىككىنچى يۇقىرى پەللىسىگە چىقىدىكەن)، ئەرلەر بىلەن ئاياللاردىكى كېسەل پەيدا بولۇش نىسبىتى 3:1 بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق شارائىتتا ۋە ئىشخانىدا ئۇزاق ئولتۇرىدىغان كىشىلەر، دېڭىزچىلار ۋە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى قاتارلىق كىشىلەر بۇ خىل كېسەللگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.

  ئادەتتە مۇنداق دەپ قارىلىدۇ، كالتسىيلىق ۋە پۇرىنلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ۋە سۇ كەمچىل بولۇش كۆپىنچە ھاللاردا سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولۇش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىدۇ، ئوزۇقلىنىش ياخشى بولغان كىشىلەر بولسا، يۇقىرى سۈيدۈك يولى تېشى كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ، ئوزۇقلىنىش ناچار بولغان كىشىلەردە بولسا، ئاسانلا تۆۋەنكى سۈيدۈك يولى تېشى پەيدا بولىدۇ.

  بىر جەمەتتىكىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە تۇرمۇش مۇھىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولۇش كېسىلىدىمۇ بىر جەمەتتە كۆپ يۈز بېرىدىغان خاھىش مەۋجۇت.

  بۇنىڭدىن باشقا، قالقانسىمان يان بەز فۇنكسىيەسىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى، پوداگرا ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى، يۇقۇملىنىشى ۋە ئۇنىڭدا يات ماددىلارنىڭ پەيدا بولۇشى قاتارلىق كېسەللىكلەرمۇ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تەكرار قوزغۇلۇشچان تاش پەيدا بولۇش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  ئەگەر پەيدا بولغان تاش بەك چوڭ بولمىسا، قەرەللىك كۆزىتىپ تۇرۇپ، كۆپ سۇ ئىچىپ بەرسە ۋە كۆپ ھەرىكەت قىلىپ بەرسە، بەزىدە تاش ئۆزلىكىدىن چۈشۈپ كىتىدۇ، ئەمما بەزىدە بۇ خىل ئۇسۇلدا تاش چۈشۈپ كەتمەستىن، ۋاقىت ئۇزارغانچە تاش تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە تېخىمۇ چوڭىيىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن، تاش چوڭايغانسىرى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدا ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بەدەن سىرتىدىن زەربە دولقۇنى سوقۇپ تاشنى ئېزىۋېتىش. يەنە بەزىدە مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن، بەل تەرەپتىن كىچىك بىر «يول» ئېچىپ، تاش ئېزىلگەندىن كېيىن تازلاپ چىقىرىۋېتىش ئۇسۇلى. يەنە سۈيدۈك يولى ئارقىلىق تەتۈر تەرەپ بويىچە يۇيۇشقىمۇ بولىدۇ. ئەمما تاش بىرقەدەر چوڭ بولۇپ قالسا، بۇ خىل ئۇسۇل ماس كەلمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، پەقەت ئەڭ ئەنئەنىۋى بولغان ئوپېراتسىيە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىقلا تاشنى ئېلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ .

  گەرچە شۇنچە كۆپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بولسىمۇ، لېكىن تاشنىڭ ھەممىنى پاكىز ئېلىۋېتىش ناھايىتى قىيىن بولىدىكەن. ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تاشنىڭ قالدۇق بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن، %40تىن %50كىچە بىمارنىڭ تېشى ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ قايتا پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  بەزى جاھىل ۋە قايتىلىنىشچان خاراكتېرلىك تاشلارنىڭ يەنە تېخى سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشمۇ كېرەك بولىدىكەن، مەسىلەن، قالقانسىمان يان بەز فۇنكسىيەسى كۈچىيىپ كېتىش، سىستىنۇرېيە ۋە كورتىزول كېسىلى دېگەندەك كېسەللەرگە، ھەمدە ئاستا خاراكتېرلىك ھەزىم قىلىش يولى كېسىلى ۋە يەللىك بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانمۇ-قانداق؟ دېگەندەك. ئەگەر يۇقىرىقىدەك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان بولسا، ئۇلارنىڭ بىرلەمچى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى پائال ھالدا ئېلىش كېرەك ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر