باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئالتە خىل ئەھۋالدا بەدەن چېنىقتۇرۇشقا بولمايدۇ

2017.08.10 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بىرىنچىسى، بەدەن تېمپىراتۇرىسى داۋاملىق ئۆرلەپ تۇرىۋاتقان جىددىي خارەكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا. مەسىلەن، ئۈستۈنكى نەپەس يولى يۇقۇملانغان، ھەمدە قىزىۋاتقان بىمارلار، چوقۇم بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ۋاقىتلىق قويۇپ تۇرۇپ، داۋالاشقا ياخشى ماسلىشىش، كېسەللىك ياخشىلانغاندا ئاندىن تەنتەربىيە چېنىقىشى بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك.

  ئىككىنچىسى، ھەر خىل يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك باسقۇچىدا. مەسىلەن، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك تىقىلمىسىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار، تەنتەربىيە چېنىقىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كەلمەيدۇ.

  ئۈچىنچىسى، ئېغىر دەرىجىدىكى قان ئازلىق مەسىلىسى بار كىشىلەر تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كەلمەيدۇ. تەنھەرىكەتتە، پۈتۈن بەدەندىكى ئەزا ۋە توقۇلمىلار تېخىمۇ كۆپ ئوكسېگىنغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ ھەتتا ئادەتتىكى ئەھۋالنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. قان ئاز كىشىلەردە قان قىزىل ئاقسىلى يېتىشمەي، قاندا توشۇيدىغان ئوكسېگىننىڭ مىقدارى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ ۋە بەدەن ئەزالىرىغا ۋە توقۇلمىلارغا ئوكسېگىن يېتىشمەسلىك يۈز بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، چېنىققاندىن كېيىنكى چارچاش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدۇ ۋە ئەسلىگە كېلىشى ئاستا بولىدۇ.

  تۆتىنچىسى، قاناشچان كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بولسا. مەسىلەن، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى ۋە كۆپ قېتىم قان ئارىلاش يۆتىلىدىغانلار، زەخمىلەنگەندىن كېيىن قاناش خەۋپى بار بىمارلار، ھەزىم قىلىش يولى قانىغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان كىشىلەر دېگەندەك، يۇقىرىقى بىمارلارنىڭ ھەممىسى تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كەلمەيدۇ، چۈنكى، تەنتەربىيە ھەرىكىتىدىن كېيىن يەنە قاناپ كېتىش يۈزبېرىشى ياكى كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىشى مۇمكىن.

  بەشىنچىسى، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ھامىلىدار ئاياللار. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمچىنىڭ بالىياتقۇ پەردىسى بىلەن جىپسىلىشىپ تۇرۇشى تازا پۇختا بولمايدۇ، شۇڭا، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاياللار تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بولمايدۇ.

  ئالتىنچىسى، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئىچىدە، كەيپىياتى تۇراقلىق، بەدەن سىستېمىسى ۋە ھەر قايسى ئەزالىرىنىڭ فۇنكىسىيەسى كومپېنىساتسىيە باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان، نورمال ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان كىشىلەر تەنتەربىيە چېنىقىشى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. لېكىن، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر، مۇھىم بەدەن سىستېمىسى ۋە ئەزالىرىنىڭ فۇنكىسىيەسى بىنورمال كىشىلەر، مەسىلەن، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار بۆرىكىنىڭ فۇنكىسىيەسى نورمالسىزلاشقان ئەھۋال ئاستىدا، بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر