باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بۇرۇن قانىغاندا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق

سىزگە بىر نەچچە ئىلمىي ۋە ئۈنۈملۈك بولغان قان توختىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قوياي

2017.08.04 09:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەردە بۇرۇن قاناش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە بۇرۇن قانايدۇ، ھەيران قالمىسىمۇ بولىدۇ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراش ئارقىلىق قان توختىتىشقا بولىدۇ، دەيدۇ. ئۇنداقتا، بۇرۇن قانىسا، ئۇ راستىنلا ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولامدۇ؟ بىز قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق قان توختىتىمىز؟ بۇرۇن قانىغاندا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەكمۇ؟

  بۇرۇن نېمە ئۈچۈن قانايدۇ؟

  بۇرۇن قاناش بىر خىل كۆپ كۆرۈلىدىغان كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، كۆپىنچە ئادەملەردە ھاياتىدا ئاز-تولا بولسىمۇ بۇرنى قاناش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇرۇن قاناشنى ئادەتتە بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ قىسمەن جايىدىكى ياكى پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، بۇرۇن سىرتتىن يارىلىنىش، بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلىنىڭ قىيسىقلىقى، بۇرۇن بوشلۇقى ئۆسمىسى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇرۇن قاناش ئالامىتى يېنىك بولغاندا، ئادەتتە ماڭقىسىدا قان ئارىلاش بولىدۇ؛ كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر بولغاندا، بۇرۇندىن كۆپ مىقداردا قان چىقىش كۆرۈلىدۇ، ھەتتا شوك بولۇپ قېلىشمۇ مۇمكىن.

  بۇرۇن قانىسا،ئۇنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك توختاتقىلى بولىدۇ؟

  نۇرغۇن كىشىلەر بۇرنى قانىسا، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراش ئارقىلىق قان توختاتماقچى بولىدىكەن. ئەمما ئۇنداقلار بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ قان توختىتالماسلىقى سەۋەبىدىن، بەلكىم ئادەمنى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىۋالسا، پەقەتلا بۇرۇن بوشلۇقىدىن ئېقىپ چىققان قان ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىردە بوغۇز قىسمىغا ئېقىپ چۈشىدۇ، ئەمما بۇنىڭ بىلەن قان توختىتىشنىڭ مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. بۇرۇن قاناشنى ئۈنۈملۈك ھالدا توختاتماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ:

  1. بارماقتا بېسىپ قان توختىتىش ئۇسۇلى

  ئەگەر قان ئاز چىقسا، باش بارماق ۋە كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىنى چىڭ بېسىپ بەرسە، ھەمدە ۋاقتىنچە ئېغىز ئارقىلىق نەپەسلىنىپ تۇرۇپ، بېشىنى ئالدىغا ئېگىپ تۇرسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پېشانە قىسمىغا سوغۇق سۇدا ھۆل قىلىنغان لۆڭگىنى يېقىپ بەرسە، ئادەتتە 5 ~ 10 مىنۇتلاردىن كېيىن، بۇرۇندىن چىققان قان دەرھال توختايدۇ.

  2. چىڭ بېسىپ تۇرۇپ تولدۇرۇش ئۇسۇلى

  ئەگەر قان چىقىش مىقدارى زور بولۇپ كېتىپ، يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇرۇن قاناشنى توختاتقىلى بولمىسا، بىمار چىڭ بېسىپ تۇرۇپ تولدۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق قان توختىتىشقا بولىدۇ. كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: ئاۋۋال ياغسىزلاندۇرۇلغان پاختىنى بۇرۇن تۆشۈكى بىلەن ئوخشاش كېلىدىغان پاختا پىلىكى قىلىپ، ئاندىن پاختا پىلىكىنى بۇرۇن تۆشۈكىگە تىقىپ تۇرۇش كېرەك. بىراق، بەك بوش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، بولمىسا قان توختىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.

  3. مۇز بىلەن بۇرۇنغا سوغۇق ئۆتكۈزۈش

  مۇز بىلەن بۇرۇنغا سوغۇق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە قان توختىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. نۇرغۇن بىمارلار ئادەتتە مۇز بىلەن پېشانىسىگە سوغۇق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قان توختىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن پېشانە بىلەن بۇرۇننىڭ ئارىلىقى بىر قەدەر يىراق بولغاچقا، ئۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى بەزىدە كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.بۇرۇن قايتا-قايتا قانىسا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈش لازىم

  گەرچە بۇرۇندىن قان ئېقىشنى ئاددىي ئۇسۇللار بىلەن توختىتىشقا بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ قان توختىغاندىن كېيىن ئوڭشالدى، دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى،بۇرۇندىن قايتا-قايتا قان ئاقسا، تەن ساغلاملىققا بەلگىلىك تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك. جۇڭگو جياڭسۇ تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بالىلارنى مىسالغا ئالساق، ئەگەر ئۇلارنى ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا، بۇرنى قايتا-قايتا قانىسا، بۇرۇندىن چىققان قاننى توختىشىش بارغانسېرى تەسلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، يەنە قان ئازلىق مەسىلىسى پەيدا بولۇشى ۋە قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىشى، ھەتتا ئۇلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر