باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بۇ بىلىملەرنى چوقۇم بىلىۋېلىڭ

جۇڭگو ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىجرائىيە باش كاتىپى يۈ لياڭ

2017.07.19 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  راك، كېسەللىك سەۋەبى ھەر خىل، مېخانىزمى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغان بىر خىل كېسەللىك. ھازىرچە ئىنسانىيەت تېخى راك كېسىلىنى يېڭىشتىكى ياخشى ئامالنى تاپالمىدى.

  راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى ئاساسلىقى ئىككى چوڭ ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچىسى، تۇغما ئامىل بولۇپ، ئاساسلىقى ئىرسىي گېننىڭ تەسىرى سەۋەبلىك بولىدۇ، بۇ خىل ئىرسىيەتلىك ئورگانىزىمنىڭ بەزى ئەزالىرىدا راكقا ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. ئىككىنچىسى، تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت ئامىل بولۇپ، بۇ نۆۋەتتە راك پەيدا قىلىدىغان كېيىنكى ئەڭ مۇھىم ئامىل دەپ قارىلىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇش ئۇسۇلى ئادەتتە تۇرمۇش ئادىتى، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى، تۇرمۇش شارائىتى، خىزمەت بېسىمى، ئائىلە مۇناسىۋىتى، كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت، پىسخىك ھالەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئادەتتىكى كىشىلەر، مەيلى يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە بولسۇن ياكى تۇرمۇش رېتىمى جەھەتتە بولسۇن، ئەگەر تۇرمۇشتا ئۆزىنى زىيادە قويۇۋەتسە، ئوخشاشلا ناھايىتى ئاسانلا راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  بىز ھەممە خىل راكنىڭ پەيدا بولۇش ئاساسىي سەۋەبىنى بىلىپ بولالمىدۇق، ئەمما راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللاردىن ساقلانغاندا، راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرى راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىر نەچچە تۈرلۈك تۇرمۇش كۆرسەتمىسىنى كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندى.

  1. نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاڭ. بەدەن ماسسىسى كۆرسەتكۈچى 21 بىلەن 23 ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ.

  بەدەن ماسسىسى كۆرسەتكۈچى: بەدەن ئېغىرلىقى (كىلوگىرام)نى بوي ئېگىزلىكى(مېتىر)نىڭ كۋادىراتىغا بۆلگەندە ئېرىشكەن قىممەت.

  2. ھەر كۈنى 30 مىنۇتتىن 60 مىنۇتقىچە ئوتتۇراھال جىسمانىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىڭ.

  3. بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاسانلا ئاشۇرۇۋېتىدىغان يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى كونترول قىلىڭ، مەسىلەن، ماي ۋە شېكەر نىسبىتى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ۋە تاتلىق ئىچىملىكلەردىن يىراق تۇرۇڭ.

  4. ئۆسۈملۈكتىن كېلىپ چىققان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىڭ، غەيرىي كراخماللىق كۆكتات، مىۋە–چىۋىلەرنىڭ ئىستېمال مىقدارى كۈنىگە 600 گىرامدىن يۇقىرى بولسۇن، پۇرچاق، قارا ئاشلىقنىڭ غىزالىنىشتىكى قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇڭ.

  5. قىزىل گۆشنىڭ ئىستېمال قىلىنىشىغا چەكلىمە قويۇڭ، ئىسلانغان، تۇزلانغان تۈردىكى گۆشلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ. ھەر ھەپتىدە قىزىل گۆشنىڭ ئىستېمال قىلىنىشى 500 گىرامدىن ئاز بولسۇن.

  6. تەركىبىدە ئىسپىرت بار ئىچىملىكلەرنىڭ ئىستېمال قىلىنىشىنى تىزگىنلەڭ، مەيلى پىۋا، ئۈزۈم ھارىقى، ئاق ھاراق ۋە ياكى باشقا ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر بولسۇن، ئاز ئىچكەن ياخشى.

  7. ئاش تۇزىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا چەك قويۇڭ، ھەر كۈنى ئالتە گىرامدىن ئاز بولسۇن؛ كۆكىرىپ قالغان دانلىق زىرائەت ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىڭ.

  8. يېمەكلىكنىڭ ئۆزى ئارقىلىق بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش لازىم، يېمەكلىك تولۇقلاش دورىلىرىنى ئىشلىتىپ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

  9. ھامىلىدار ئاياللار ئانا سۈتى ئارقىلىق بوۋىقىنى بېقىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم. راك كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سىجىل ۋە پۈتۈنلەي ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ ئانا ۋە بالىغا نىسبەتەن قوغداش رولى بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر