باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھېكايە ئاڭلايدىغان بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى تېخىمۇ جانلىق بولىدىكەن

2017.06.21 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھېكايە ئېيتىش ئاتا- ئانىلار بىلەن بالىلىرىنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى. ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» يېقىندا نەقىل كەلتۈرگەن ئامېرىكىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھېكايە ئاڭلاش بالىلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، چوڭ مېڭە تېخىمۇ جانلىق بولىدىكەن.

  ئوقۇشنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە بولغان تەسىرىنى يەنىمۇ ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ سىنسىنناتى بالىلار دوختۇرخانىسى داۋالاش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر جون خوتتون ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى تۆت ياشقا كىرگەن 22 نەپەر بالىغا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بارغان. بۇ بالىلار ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاپىسى ئوقۇپ بەرگەن كىتابلاردىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلىغان، تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقان بالىلارنىڭ ھېكايىگە بولغان ياقتۇرۇش دەرىجىسى، سوئال سوراشنى ياقتۇرامدۇ-يوق، كىتاب كۆرۈشنى ياقتۇرامدۇ-يوق، شۇنىڭدەك ئاپىسى بىلەن پىكىرلىشەمدۇ-يوق دېگەندەك مەسىلىلەرنى باھالىغان. تەتقىقاتچىلار يەنە چوڭ مېڭە يادرو ماگنىتلىق رېزونانس تەسۋىر ھاسىل قىلىش تەسۋىر كۆچۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى كۆزەتكەن. نەتىجىدە, ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھېكايە ئوقۇشقا قاتنىشىشقا ئامراق بالىلارنىڭ خەت تونۇش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان. ھەمدە, ئاپىسى ھېكايە ئوقۇش جەريانىدا، ھەمتۈرتكىلىكى ئەڭ كۆپ، قىزىقىشى ھەممىدىن قويۇق بولغان بالىلارنىڭ كىچىك مېڭىسىنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى پائالىيىتى كۆرۈنەرلىك جانلانغان. بۇ رايون بىلىش ئىقتىدارىغا ئېرىشىش ۋە ياخشىلاش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى، مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارى ۋە دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

  دوكتۇر خوتتون: يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىگە يۈكسەك قاتنىشىشنىڭ بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى ئاكتىپلاشتۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بولغان ئوقۇشنى كۈچەيتىش، ھەمدە بالىلىرىغا كۆپرەك ھەمتۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر