باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تور دەۋرىدە، بالىلار «ئۆزگىچە» ئاسراشقا موھتاج

2017.06.14 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىڭ يىلدىن كېيىنكى بىر ئەۋلاد ياش-ئۆسمۈرلەر ھەقىقىي مەنىدىكى «توردىكى يەرلىك ئادەملەر» ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار ئالاقە تورى بىلەن تەبىئىي ھالدا چەمبەرچاس باغلانغان. ئىنتېرنېت تورى مۇشۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش، تەلىم-تەربىيە، ئۆزىنى ئىپادىلەش ۋە ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەڭ ئاساسلىق بوشلۇققا ئايلانغان. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەم ياخشىلار بىلەن يامانلار ئارىلىشىپ كەتكەن بۇ تور بوشلۇقىدا مۇشۇ بىر ئەۋلاد ياش-ئۆسمۈرلەر جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ ئاسانلا زەربىگە ئۇچرىغان، ھەتتا زەخىملەنگەن. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا چىقىشىنى قوغداش ھەرقايسى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتللار ۋە ھەربىر ئائىلە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىسىگە ئايلاندى.

  نۆۋەتتە، يەر شارى بويىچە ئالاقە تورى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئۈچتىن بىر قىسىمى قۇرامىغا يەتمىگەنلەردۇر. ئەنگلىيە، كانادا، چېخ ۋە ئىسرائىلىيەدە، 12- ياشتىن 14- ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئالاقە تورى ئىشلىتىش نىسبىتى % 95تىن ئاشقان، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى بالىلارنىڭ ئالاقە تورى ئىشلىتىش نىسبىتى كۆپىنچىسىنىڭ %65تىن يۇقىرى بولغان؛ دۆلىتىمىزدە، 19 ياشتىن تۆۋەن ياش تور ئەھلىلىرىنىڭ سانى 171 مىليونغا يەتكەن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %90تىن يۇقىرى بولغان ھالەت ساقلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تۇنجى قېتىم تور بىلەن ئۇچرىشىش ئەھۋالىدا ياشلىشىش يۈزلىنىشى كۆرۈنەرلىك بولغان، ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيەدىكى 5-، 6- ياشتىكى بالىلار ئىچىدە يېرىمدىن كۆپرەكى تورغا چىقىشنى بىلىدىكەن، كورېيەلىك بالىلارنىڭ ئىچىدىكى تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونغا ئىگە بولغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى سەككىز ياش ئىكەن، ئېلىمىزدە 10 ياشتىن تۆۋەن ياشتىكى تور ئەھلىلىرى تەخمىنەن 23 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %56تىن يۇقىرى بولغان بالىلار بەش ياشتىن بۇرۇنلار ئالاقە تورى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن. دېمەك، ئالاقە تورى ئۇلارنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئۆزئارا ھەمكارلىق ئۇسۇلىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر