باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

سۇ سېپىپ قويغان سەي-كۆكتاتلار تېخىمۇ يېڭى ۋە يۇمران بولامدۇ؟

2017.06.14 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەتتە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا كۆكتات سېتىۋالغاندا، كۆكتات سودىگەرلىرىنىڭ خام كۆكتات، ئىپومېيە ئوتى, يالىڭاچ سۇلۇ قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ ئۈستىگە سۇ پۈركەۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. سۇ پۈركۈگەن كۆكتاتلار قاراشقا يىپيېڭى كۆرۈنىدۇ، رەڭگىمۇ ياپيېشىل بولۇپ كېتىدۇ. بىراق، ئەمەلىيەتتە، «يۇيۇپ قويغان» بۇ خىل كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئانچە ياخشى بولمايدۇ. كۆكتات-مېۋەلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قانچە يېڭى بولسا ئوزۇقلۇقى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. لېكىن، ئەگەر كۆكتاتلار ئەتىگىنى سېتىلىپ تۈگىمىسە، سودىگەرلەر كۆكتاتلارغا ئۈزلۈكسىز سۇ پۈركۈيدۇ، گەرچە قارىماققا ئۇلار سولىشىپ قالغان كۆكتاتلاردىن ياخشى كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار ئېقىپ كېتىدۇ.

  B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار ۋە ۋىتامىنC دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكى بار: بىرىنچىسى، سۇدا ئېرىيدۇ، سۇلۇق ئېرىتمىدە ئاسان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ؛ ئىككىنچىسى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئاسان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ ؛ ئۈچىنچىسى، سۇدا ئېرىيدىغان ئۇ ۋىتامىنلار بەدەندە ساقلانمايدۇ، ئارتۇقچە قىسمى سۈيدۈك بىلەن چىقىپ كېتىدۇ. ۋىتامىن Cنى ئېلىپ ئېيتقاندا، يېمەكلىكلەر ئېرىتىلگەن ياكى سۇغا چىلاپ قويۇلغاندا، ياكى قاينىتىپ پىشۇرۇلغاندا خوراپ كېتىدۇ، خوراش ھەتتا %90كە يېتىدۇ.

  بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار ئىنتايىن «نازۇك»، كۆكتاتلارغا ئۈزلۈكسىز سۇ پۈركۈش ياكى سېتىۋېلىپ ئۆيگە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇزۇن ۋاقىت سۇغا چىلاپ قويۇشنىڭ ھەممىسى بۇ ۋىتامىنلارنى ئېقىتىپ كېتىپ، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سۇ پۈركۈلگەن كۆكتاتلارنى ئالماسلىق، يېڭى كۆكتاتلارنى سېتىۋېلىپ ئۆيگە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئېقىن سۇ بىلەن يۇيۇپ ئاندىن توغراش، ئوتنى ئۇلغايتىپ تېز قورۇش، قورۇلغاندىن كېيىنلا ئىستىمال قىلىش، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئازايتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر