باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

پىياز راك ھۈجەيرىسىنى ئۆلتۈرىدۇ. بىراق، پىيازنى كۆپ يېسە راك كېسىلى بولمامدۇ؟

2017.06.12 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەگەر سىز دائىم دوستلار چەمبىرىكىنى ئارىلايدىغان بولسىڭىز، ئۇنىڭدا ئۇچىرايدىغان «پىياز راكقا قارشى تۇرالايدۇ» دېگەندەك تېمىلار سىزگە چوقۇم ناتونۇش ئەمەس. كانادا تەتقىقات خادىملىرىنىڭ بايقىشىچە، پىياز ھەقىقەتەنمۇ راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرەلەيدىكەن. لېكىن، پىيازنى كۆپ يېسە، ھەقىقەتەن شۇنداق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولامدۇ؟ بۇنى يەنە مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشقا توغرا كېلىدىكەن.

  كانادا گۇلف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى «خەلقئارا يېمەكلىك تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: تەتقىقاتچىلار بوغماق ئۈچەي راكى ھۈجەيرىلىرىنى بەش خىل پىيازدىن ئايرىپ چىققان كېۋېرتىسېتىن بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشتۇرغان. نەتىجىدە، كېۋېرتىسېتىننىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈشتىكى «ئۆتكۈر پىچاق» ئىكەنلىكى بايقالغان. ئەسلىدە كېۋېرتىسېتىن راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش يولى»نى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى بۇزۇپ، راك ھۈجەيرىلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىگە توسالغۇلۇق قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، قىزىل پىيازنىڭ «راكقا قارشى» ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى ئىكەن.

  ئۇنداقتا، پىيازنى كۆپ يېگەندە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلانغىلى بولامدۇ؟ ئەنگىلىيە راك كېسىلى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي ئۇچۇر ئەمەلدارى جاستىن ئالفوردنىڭ دېيىشىچە، ئادەم بەدىنى بىر خىل ئىنتايىن مۇرەككەپ قۇرۇلما بولغانلىقتىن، ئاسانلىقچە بۇنداق خۇلاسە چىقارغىلى بولمايدىكەن. ئەگەر ئالىملار پىيازدىكى زادى قايسى خىل كونكرېت مولېكۇلانىڭ بۇنداق رولى بارلىقىنى تېپىپ چىقالىسا، راكقا قارشى يېڭى دورىنى تەتقىق قىلىپ چىقىشقا ياردىمى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر