باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تۈنەش بەك خەتەرلىككى، خەتىرى تەسەۋۋۇرىڭىزدىكىدىنمۇ قورقۇنچلۇق

2017.06.07 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنەش ئاسانلا دىيابېت كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ

  فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى جۇڭشەن دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجرالمىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى شى فېڭيىڭ مۇنداق دېدى: دىيابېت كېسىلى جەھەتتە جەمەت تارىخى بارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۈنەش كۆپ ھاللاردا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. چۈنكى، باشقىلارغا سىلىشتۇرغاندا، دىيابېت كېسىلى جەھەتتە جەمەت تارىخى بارلاردا مەلۇم كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىش سەۋەبى مەۋجۇت بولىدۇ، ئەگەر شارائىت ماس كەلسە، خۇددى ئۇرۇق مۇۋاپىق مۇھىتقا دۇچ كەلگەنگە ئوخشاش، ئۇ ناھايىتى تېزلا بىخلىنىدۇ.

  تۈنەش ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىمنى، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

  شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى جوڭدا دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى دىڭ جيەندوڭ مۇنداق دېدى: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە, ئۇزۇن مۇددەت يېتەرلىك ئۇخلىماسلىق يۇقىرى قان بېسىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر مۇھىم كېسەللىك ئامىلى بولۇپ، بۇ ھەم تۈنەيدىغانلارنىڭ تۈرلۈك تاسادىپىي خاراكتېرلىك يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  تۈنىگەندە ئاسانلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ

  مېدىتسىنا تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە, تۈنەيدىغان كىشىلەر ئۇيقۇسى نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن. ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنى مىسالغا ئالساق، دائىم تۈنەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسىدىن كۆپرەك يۇقىرى بولىدىكەن. راك ھۈجەيرىلىرى ھۈجەيرە بۆلۈنۈشى جەريانىدا پەيدا بولىدۇ، ھۈجەيرىنىڭ پارچىلىنىشى كۆپىنچە ئۇخلاۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىق ھۈجەيرىنىڭ نورمال بۆلۈنۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھۈجەيرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، راك ھۈجەيرىسى پەيدا قىلىدۇ.

  تۈنەشتىن كېلىپ چىققان زەخمىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى بەش چارە

  يېيىش: تۈنىگەندە ئاسانلا ئىسسىق تۇتۇپ قالىدۇ، بىراق، بۇ كۆپىنچە قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، ئالقات، كەتىرا, كىرەش قاتارلىقلارنى يېيىش ئارقىلىق مۇۋاپىق تەڭشەشكە بولىدۇ، بۇلار قۇۋۋەتنى كۈچەيتىپ، مۇئەننەسلىكنى قۇۋۋەتلەش رولىنى ئوينايدۇ، ئىسسىقنى ھەيدەپ, ھاردۇق چىقىرىدۇ, ئۇنىڭ ھەم ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىمۇ بار. كېچىلىك تاماق يېگەندە سوغۇق، مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك، شوۋىگۈرۈچ ئىچىش ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

  ئىچىش: تۈنىگەندە قەھۋەنى ئازراق ئىچىش لازىم، قەھۋە ئىچكەندە ئاسانلا ئۇيقۇسىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ، يەنە بەدەندىكى B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلارنى خورىتىپ، ئاسانلا ھارغۇزىدۇ، ئالقات، چوڭ چىلان چېيى ئىچىشكە بولىدۇ، بۇلار سۇ تولۇقلاپ، ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ.

  قوغداش: كۆرۈش سەزگۈسى چارچاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۈنىگەندە ئەڭ ياخشىسى ھەر 45 مىنۇت ئىشلىگەندىن كېيىن، 10 مىنۇت ئەتراپىدا ئارام ئېلىش، ياكى يېرىم سائەت ئارىلاپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىش، كۆز گىمناستىكىسى ئىشلەش، ھەمدە تەركىبىدە ۋىتامىن A مول بولغان قىزغۇچ سېرىق مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى مۇۋاپىق يېيىش كېرەك.

  ئەگەر چوقۇم تۈنەش كېرەك بولسا، كېچە سائەت 11دىن بىرگىچە ئەڭ ياخشىسى ئازراق ئۇخلىۋېلىش، مۇزەككەر قۇۋۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك، ئەمما، ئەتىسى بىر كۈن قوپماي ئۇخلىماسلىق كېرەك، ئەڭ ياخشىسى چۈشتىن بۇرۇن تولۇقلاپ ئۇخلاش ۋاقتىنى ئازايتىش، چۈشتە مۇۋاپىق تولۇقلاپ ئۇخلاش، چۈشتىن كېيىنكى تولۇقلاپ ئۇخلاش ۋاقتى ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  ئۇۋۇلاپ بېرىش: تۈنەيدىغان كىشىلەر پۇتنىڭ ئۈچ پەللىسىنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، تۈنەيدىغانلار ئورگانىزمىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تەڭشىلىشىگە پايدىسى بولىدۇ، بۇ يەنە تال ۋە ئاشقازاننىمۇ قۇۋۋەتلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈەنجۇ پەللىسى (قوشۇمىنىڭ ئىچكى يېنى)، جىڭمىڭ پەللىسى (كۆز ئالمىسىنىڭ ئىچكى تەرىپى)، چېكە پەللىسى دېگەندەك پەللىلەرنى نېسىپ ئۇۋۇلاپ بەرگەندە, كۆز چارچاشنى ۋە سۇلۇق ئىششىقنى پەسەيتىپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر