باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئادەت تاماكا چېكىشتىنمۇ بەكرەك زىيانلىق ئىكەن

تېلېۋىزور كۆرگەندىكى ھەر بىر سائەت ئۆمۈرنى 21.8 مىنۇت قىسقارتىۋېتىدىكەن

2017.05.31 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاماكا چېكىش تېرىنىڭ قېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى ۋە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، تاماكا چېكىشنىڭ بەدەنگە قىلچە پايدىسى يوق. لېكىن يەنە بەزى ناچار ئادەتلەرنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى تاماكا چېكىشتىنمۇ كۆپ ئىكەن. ئېنگىلىز تىلىدىكى شارپ ئۇچۇر تور بېكىتى يېقىندا تاماكا چېكىشتىنمۇ بەكرەك زىيانلىق بولغان تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئادەتنى يەكۈنلەپ چىققان.

  دائىم گۆش يېيىش

  ئامېرىكا «ھۈجەيرە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئانچە كۆپ گۆش يىمەيدىغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دائىم گۆش يەپ تۇرىدىغانلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن، يەنى، ئۇنداقلارنىڭ ئۆمرى باشقىلاردىن تېخىمۇ قىسقا بولىدىكەن. بۇ خىل خەۋىپنى تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ راك كېسىلى بىلەن ئۈلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاساسەن ئوخشاش بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن, كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا، پەقەت ھايۋانات ئاقسىلىنى ئىستىمال قىلىپلا قالماي، ئۆسۈملۈك ئاقسىلىنىمۇ مۇۋاپىق قوبۇل قىلىش كېرەك.

  ھەر قېتىملىق تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش

  تېلېۋىزور كۆرۈشنىڭ ئۆزىدە مەسىلە يوق، لېكىن ھەر قېتىملىق تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كېتىش سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىكەن. ئاۋسترالىيە كۋېنسلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىر تال تاماكا چەككەندە، ئۆمۈر تەخمىنەن 11 مىنۇت قىسقىرايدىكەن، لېكىن تاماكا چەكمىگەن تەقدىردىمۇ، 25 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، تېلېۋىزور كۆرگەن ھەر بىر سائەتتە، ئادەمنىڭ ئۆمرى تەخمىنەن 21.8 مىنۇت قىسقىرايدىكەن. چۈنكى ئۇزۇن ئولتۇرۇش راك ۋە يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

  دائىم گازلىق ئىچىملىك ئىچىش

  ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان ساغلاملىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۈنىگە تەخمىنەن بىر ئىستاكان (237 مىللىلېتىر) گازلىق ئىچىملىك ئىچكەندە، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنى تەخمىنەن ئىككى يىل بالدۇر قېرىتىۋېتىدىكەن؛ كۈنىگە ئىككى يېرىم ئىستاكان (592 مىللىلېتىر) گازلىق ئىچىملىك ئىچكەندە، تېلومېر (خروموسومانىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى تەكرار تەرتىپ) تەخمىنەن بەش يىل بالدۇر قېرىپ كېتىدىكەن، يەنى، بۇنىڭ ئۈنۈمى تاماكا چېكىش بىلەن ئوخشاش ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر