باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«2017-يىللىق باھار پەسلى. 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كىنوخانا فىلىملىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى» ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

2017.05.10 16:55   مەنبە: خەلق تورى

«2017-يىللىق باھار پەسلى. 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كىنوخانا فىلىملىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى» ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ماي چۈشتىن بۇرۇن، «2017-يىللىق باھار پەسلى. 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كىنوخانا فىلىملىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى» ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. بۇ، مەملىكەتلىك دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كىنوخانا فىلىملىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ.

  دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى كىنوخانا، كىنو باشقۇرۇش شىركىتى، كىنو تارقىتىش ئورۇنلىرى، ئۈچىنچى تەرەپ ھەمكارلىق شىركەتلىرى، ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 600دىن ئارتۇق ۋەكىلى بۇ نۆۋەتلىك تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى، بۇ قېتىم 101 فىلىم تونۇشتۇرۇلىدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، «تەڭرىتېغىغا يىغىلىپ، يېڭى كىنولاردىن بەھرىلىنىش» ئاساسىي تېما قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە كىنو ئىشلەش، تارقىتىش، قويۇش قاتارلىق ھالقىلاردا ئالاقە ئورنىتىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، تونۇشتۇرۇش يىغىنى 11-مايغىچە داۋاملىشىدۇ. ئۈچ كۈن ئىچىدە، 2017-يىللىق «تاڭزۇڭزا بايرىمىلىق فىلىم»، «بالىلار بايرىمىلىق فىلىم»، «يازلىق فىلىم» قاتارلىق نۇقتىلىق فىلىملەر سېپىدە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن 101 يېڭى فىلىم مەركەزلىك تونۇشتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ۋەندا كىنوچىلىقى، خۇايى كىنوچىلىقى، بونا كىنوچىلىقى، خېڭيى كىنوچىلىقى، يوڭلى كىنوچىلىقى، ئەي چىيى كىنوچىلىقى قاتارلىق دۆلىتىمىزدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك كىنوچىلىق شىركەتلىرى ئىشلىگەن «ئارمىيە قۇرۇش يولىدىكى ئۇلۇغ ئىش»، «قاراقچى تازىلاش»، «ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈپ قۇتقۇزۇش»، «دەككە-دۈككىدە قېلىش»، «ۋۇكۇڭنىڭ تەرجىمىھالى»، «سامېگاۋا قىسسىسى»، « بەربات بولغان سۆيگۈ»، «ئۇرۇش بۆرىسى-2» قاتارلىق كىنولار بار.

  بۇ نۆۋەتلىك تونۇشتۇرۇش يىغىنىنى دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى كىنو ئىدارىسى، جۇڭگو كىنو تارقىتىش-قويۇش جەمئىيىتى نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك قىلغان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىنوخانىلار بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كىنو تارقىتىش-قويۇش شىركىتى، بونا كىنوچىلىق گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ مىكرو كىنو دەۋر پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ خۇاشيا تەڭرىتاغ كىنوچىلىقى- كىنو فىلىملىرى شىركىتى بىرلىكتە ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2017-يىللىق جايلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىم…
    ·چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەر بىرلىشىپ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنىڭ رايون ھالقىغان سەييارە پونكىتلىرى تۇنجى ب…
    ·جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئافغانىستاننى زىيارەت قىلدى 
    ·شىنجاڭ سانجى ئىنستىتۇتى 29 نەپەر يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى 
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2017-يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى باشلىنىدۇ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەييارلىقى ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇم پەللىسىگە كەلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەر بىخەتەرلىك ئەھۋالىنىڭ مەكتەپلەرنى باھالاش …
    ·ئېلىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇپ چىقتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا يەنىمۇ …
    ·ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى تائامى — پولۇ