- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۇرمۇشتىكى رادىئاتسىيىەدىن ساقلىنىشتىكى يەتتە چارە
2017.05.05 09:14 مەنبە: خەلق تورى
بىرىنچى: ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنى دۆۋىلىۋالماڭ. ئارتۇق مىقداردىكى رادىئاتسىيەنىڭ خەۋپى ئىچىدە تۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى بىر يەرگە ھەددىدىن زىيادە قويۇپ قويماڭ ياكى دائىم بىللە ئىشلىتىپ قالماڭ، بولۇپمۇ تېلېۋىزور، كومپيۇتېر, توڭلاتقۇ قاتارلىقلارنى ياتاق ئۆيگە مەركەزلەشتۈرۈپ قويماڭ.
ئىككىنچى: كومپيۇتېر كەينىدە ئۇزاق تۇرماڭ. ئېكران كەينىنى ئادەم بار يەرگە ئىمكانقەدەر قارىتىپ قويماڭ، چۈنكى كومپيوتېرنىڭ رادىياتسىيەسى ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى كەينى تەرىپى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا ئوڭ-سول ئىككى تەرىپى، ئېكران ئالدى تەرىپىنىڭ رادىياتسىيەسى ئەكسىچە ئەڭ ئاجىز بولىدۇ.
ئۈچىنچى: سۇ ئارقىلىق ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنى سۈمۈرۈڭ. ئۆي ئىچىنىڭ ياخشى بولغان خىزمەت مۇھىتىنى ساقلاڭ، يەنى، تېمپېراتۇرىسى راھەت، ھاۋاسى پاكىز بولسۇن. سۇ بولسا، ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنى سۈمۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاسىتە، كومپيۇتېر ئەتراپىغا بىر نەچچە بوتۇلكا سۇ قويۇپ قويۇڭ. بىراق ئەڭ ياخشىسى سۇلياۋ بوتۇلكا ۋە ئەينەك بوتۇلكا ئىشلىتىڭ، مېتال ئىستاكانغا سۇ ئېلىپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ.
تۆتىنچى: كومپىيوتېرنى تەييارلىق ھالىتىدە قويۇشنى ئازايتىڭ. ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى ۋاقىتلىق توختاتقاندا، ئۇزۇن ۋاقىت تەييارلىق ھالىتىدە قويماڭ، چۈنكى، بۇ چاغدا بىر قەدەر ئاجىز ئېلېكتىر ماگنىت مەيدانى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇزاق ۋاقىتلىق جۇغلانما رادىئاتسىيە پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
بەشىنچى: يۈز-قوللىرىڭىزنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يۇيۇپ تۇرۇڭ. كومپيۇتېر, تېلېۋىزورلارنىڭ ئېكران يۈزىدە كۆپ مىقداردا ستاتىك ئېلېكتر بار بولۇپ، ئۇنىڭغا يىغىلىپ قالغان چاڭ-توزانلار يۈز ۋە قولنىڭ تېرىسىگە تارقايدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانچە, ئەسۋە، پىگمېنت چۆكۈۋېلىش قاتارلىقلار ئاسان يۈز بېرىدۇ، شۇڭا، كومپيۇتېر, تېلېۋىزورلارنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا يۈز-قوللارنى يۇيۇش لازىم.
ئالتىنچى: ئوزۇقلۇق تۇلۇقلاڭ. سەۋزە، يېسىۋېلەك, دۇفۇ, كالا سۈتى, تۇخۇم قاتارلىق تەركىبىدە ۋېتامىنA ، C ۋە ئاقسىل مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىڭ. يەنە چاينى كۆپ ئىچىڭ، چاي تەركىبىدىكى چاي پولىفېنولى قاتارلىق ئاكتىپ ماددىلار رادىئوئاكتىپ ماددىلارنى سۈمۈرۈش ۋە قارشى تۇرۇشقا پايدىلىق.
يەتتىنچى: كەلگەن تېلېفونغا جاۋاب بېرىشكە ئالدىراپ كەتمەڭ. يان تېلېفون قارشى تەرەپكە ئۇلانغان پەيتتە ۋە توك قاچىلاپ تۇرۇپ سۆزلەشكەندە قويۇپ بېرىدىغان ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى ئەڭ چوڭ بولىدۇ، يان تېلېفونغا تېلېفون كەلگەندە ئەڭ ياخشىسى تېلېفون بىر-ئىككى سىكۇنت جىرىڭلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئېلىڭ. تېلېفون توكلىنىۋاتقاندا تېلېفون ئالماڭ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر