باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

توققۇز خىل ئەھۋالدا قان تومۇر تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە كۆرۈنۈش كېرەك

2017.05.04 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ چاڭ، مۇدىر ۋراچ, جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى فۇۋەي دوختۇرخانىسى قان تومۇر تاشقى كېسەللىكلەر مەركىزىنىڭ مۇدىرى، قان تومۇر تاشقى بۆلۈمى 6- كېسەللەر رايونىنىڭ مۇدىرى؛ تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى دوكتورى، ئامېرىكا سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي ئىنستىتۇتىدا قان تومۇر تاشقى كېسەللىكلەر دوكتور ئاشتى بولۇپ ئوقۇغان.

  پروفېسسور شۇ چاڭ توققۇز خىل كېسەللىك ئالامىتىنى تىزىپ كۆرسەتكەن بولۇپ، شۇ توققۇز خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا قان تومۇر تاشقى بۆلۈمگە بېرىپ كېسەل كۆرسىتىش، شۇ ئارقىلىق قان تومۇر كېسەللىكلىرى مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكشۈرتۈش لازىم.

  پۇت-قولى سوۋۇش، ئۇيۇشۇش، ئاغرىش

  پۇت-قولى سوغۇقتىن قورقىدىغان بولۇپ قېلىش، ئۇيۇشۇپ بىئارام بولۇش، شۇنىڭدەك پۇت-قول ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئاغرىش. بۇ خىل ئالامەتلەر بەلكىم پۇتنىڭ قان تومۇرلىرى قېتىشىپ توسۇلغانلىقىدىن بىشارەت بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا، كېسەللىك ئەھۋالى تەرەققىي قىلىدۇ، ھەتتا پۇتنى كېسىۋېتىش كېرەك بولىدۇ.

  پۇت-قول ئىششىش

  ئادەتتە ئەتىگەندە يېنىكلەپ، چۈشتىن كېيىن ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان پۇت-قول ئىششىش، ياكى ھەر خىل تاسادىپىي يۈز بېرىدىغان بەدەن ئىششىش. بۇ خىل ئالامەتلەر بەلكىم ۋېنادا قان نۆكچىسى ھاسىل بولغانلىقىدىن بىشارەت بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

  پۇت-قول ياكى پۇت بارماقلىرى يېرىلىش

  يۇقىرى قان بېسىم ياكى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلاردا كۈتۈلمىگەن يارىلىنىش سەۋەبلىك پۇت-قوللار ياكى پۇت بارماقلىرى يېرىلىش كۆرۈلۈپ، ئىككى ھەپتىگىچىمۇ ساقايمىغاندا، بۇ، پۇت ئارتېرىيە تومۇرى قېتىش ياكى دىئابېت كېسىلىنىڭ پۇتتىكى ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن.

  تومۇر سوقۇشى ئاجىزلاپ، يوقۇلۇش

  ساغلام ئادەملەرنىڭ بېغىشىدا ياكى پۇت تېرىسىنىڭ باشقا نەرسىلەر بىلەن ئېنىق يولۇقىدىغان جايلىرىدا ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ سوقۇشى خىېلىلا روشەن بولىدۇ. ئەگەر سوقۇش ئاجىز بولسا ياكى يوقاپ كەتسە، بۇ، ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ تارىيىپ كەتكەن بولۇش ياكى توسۇلۇپ قالغان بولۇش ئېھتىمالىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  سوقۇش خاراكتېرلىك ئىششىق

  بويۇن، پۇت-قول ياكى قورساقنى سىلىغاندا، ئەگەر سوقۇش خاراكتېرلىك ئىششىق بايقالسا، ھەمدە ئىششىقنىڭ سوقۇش چاستوتىسى يۈرەك سوقۇشى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولسا، بۇ، ئارتېرىيە ئۆسمىسى پەيدا بولغانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانماي، يېرىلىپ كېتىپ قالسا، بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.

  بويۇن ئارتېرىيە تومۇرى داغ پارچىلىرى ۋە باشقا قان تومۇر داغ پارچىلىرى

  سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بەزى قان تومۇرلارنىڭ داغ پارچىلىرى بايقالسا، ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك. داغ پارچىلىرى ئەگەر ئاجراپ چۈشۈپ كەتسە، ئەزا تىقىلمىسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

  كىچىك سەكتە ۋە سەكتە

  كۆز تۇيۇقسىز روشەن كۆرەلمەسلىك، قول ياكى پۇتنىڭ ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش، سۆزلىيەلمەسلىك, چاۋغاي مايماق بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، ئۆزى ئەسلىگە كېلەلىسە, كىچىك سەكتە دەپ ئاتىلىدۇ، لېكىن بۇ كۆپ ھاللاردا سەكتە — مېڭە تىقىلمىسىنىڭ ئالامىتى ۋە خەتەرلىك سىگنالىدۇر.

  ۋېنا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش

  پۇت قوللاردا كۆك تومۇر چىقىپ قېلىش، ھەتتا قىچىشىش، قارىيىش, يېرىلىش، ۋېناسى ياللۇغى قاتارلىقلار.

  ۋىنا قان تۇمۇرى كەپلەشمىسى

  ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈشتە مۈچە ۋېنادا قان نۆكچىسى ھاسىل بولغانلىقى بايقالغان ھامان، ۋاقتىدا قان تومۇر تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە كۆرۈنۈش لازىم. قان نوكچىسىنىڭ ئاجراپ چۈشۈپ كېتىشى بىلەن، قاننىڭ كۆپلەپ ئېقىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ قانلارنىڭ ئوڭ ئۆپكە ئارتېرىيىسىگە ئېقىپ كىرىپ كېتىپ، ئەجەللىك ئۆپكە كەپلەشمىسىنى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر