باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يان تېلېفون ئوينىسا، بالىسى چوڭ بولغاندا ئاچچىقى يامان بولۇپ قالىدىكەن

2017.05.03 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر كەڭ كۆلەملىك خەلقئارالىق تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئانا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دائىم يانفون ئىشلەتسە، ئۇنىڭ تۇغقان بالىسىدا كېيىن ئاچچىقى يامان بولۇپ قېلىش ياكى ھەددىدىن ئارتۇق كەپسىز بولۇپ قېلىش دېگەندەك مەسىلىلەر كۆرۈلىدىكەن.

  تەتقىق قىلىش جەريانىدا، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئالىملىرى 1996- يىلىدىن 2011- يىلىغىچە بولغان مەزگىللەردە، دانىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، ئىسپانىيە ۋە كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 83 مىڭ جۈپ ئانا-بالا ئۈستىدىكى ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى رەتلەپ تەھلىل قىلغان. مەزكۇر سانلىق مەلۇمات، ئانىنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يان تېلېفوندا سۆزلەشكەن قېتىم سانى ۋە ۋاقىت ئۇزۇنلۇقى، ھەمدە بالىلارنىڭ بەش ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەرىكەت ئىپادىسى ئەھۋالى ۋە بالىلارنىڭ كەيپىيات ھالىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تەھلىل قىلىش نەتىجىسىدە شۇ خىل ئەھۋاللار بايقالغانكى، ئەگەر ئانا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھەر كۈنى تۆت قېتىم تېلېفون ئىشلەتسە، ياكى يان تېلېفون ئارقىلىق بىر سائەتتىن ئارتۇق سۆزلەشسە، ئۇلارنىڭ تۇغقان بالىسىنىڭ بەش ياشتىن يەتتە ياشقا كىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، بەك كەپسىز ۋە ئاچچىقى يامان بولۇپ قېلىش نىسبىتى %28تىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ئانا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەزەلدىن يانفون ئىشلەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا تۇغۇلغان بالىلاردا، ھەرىكەت ۋە كەيپىياتتا مەسىلە كۆرۈلۈش خەتىرى بىرئاز ئاز بولىدىكەن.

  ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بالىلار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى روبىن خەنسىن دوكتور مۇنداق دەپ قارىغان: بۇ خىل ئەھۋالنىڭ پەيدا بولۇشى يان تېلېفوندىن پەيدا بولغان ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. گەرچە نۇرغۇن تەتقىقاتتا، يانفوننىڭ رادىياتسىيەسى ئادەم بەدىنى ئۈچۈن بىخەتەر، دېيىلسىمۇ، ئۇ خىل تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىلىرىنى دەلىللەشكە يېتەرلىك ئۇزۇن ۋاقىت بولمىغاچقا، يانفون رادىياتسىيەسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ساغلاملىققا بولغان خەۋپ-خەتىرىنىڭ بار-يوقلۇقى نۆۋەتتە يەنىلا نامەلۇم .

  شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىڭىز ۋە بالىڭىزنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن، چوڭلارنىڭ، بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يان تېلېفوننى ئاز ئىشلىتىشىنى، پەقەت زۆرۈر تېپىلغاندىلا ئاندىن يان تېلېفون ئىشلىتىشىنى، سۆزلىشىش ۋاقتىنىڭ ئىمكانقەدەر قىسقا بولۇشىنى، سۆزلەشكەندە تۇرۇپكىسىز (يەنى، ئاۋازنى ئېچىۋېتىپ، تېلېفوندىن يىراقراق تۇرۇپ) سۆزلىشىش ئىقتىدارىدىن كۆپرەك پايدىلىنىپ تېلېفون ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر