باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بىر سائەت يۈگۈرۈش ئۆمۈرنى يەتتە سائەت ئۇزارتىدۇ

2017.05.03 11:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا «يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى تەتقىقاتىدىكى ئىلگىرىلەش» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، بىر سائەت يۈگۈرۈش ئۆمۈرنى يەتتە سائەت ئۇزارتىدىكەن، يۈگۈرۈش سۈرئىتى بەك ئاستا بولغان ياكى پەقەت ئاندا-ساندا يۈگۈرگەن تەقدىردىمۇ، بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئازايتىپ، كۆزلىمە ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا پايدىلىق ئىكەن.

  ئامېرىكا ئىئوۋا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۈگۈرۈش ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا پايدىلىق ئىكەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ھەپتىدە ئىككى سائەت يۈگۈرگەن دەپ ھېسابلىغاندا، 40 يىل ئىچىدە يۈگۈرۈشكە سەرپ بولغان ۋاقىت ئالتە ئاي بولىدىكەن، لېكىن بۇ ئۆمۈرنى 3.2 يىل ئۇزارتىشى مۇمكىن. دېمەك، بىر سائەت يۈگۈرۈش كۆزلىمە ئۆمۈرنى جەمئىي يەتتە سائەت ئۇزارتالىشى مۇمكىن. لېكىن يۈگۈرۈشنىڭ ئۆمۈرنى ئۇزارتىشنىڭ يۇقىرى چېكى ئۈچ يىل ئەتراپىدا بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار باشقا ھەرىكەتلەرنىڭمۇ سالامەتلىككە پايدىسى بارلىقىنى، لېكىن ئۆمۈرنى ئۇزارتىش ئۈنۈمىنىڭ يۈگۈرۈشكە يەتمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. تەتقىقاتنىڭ مەسئۇل خادىمى لى دېجې مۇنداق دېدى: يۈگۈرۈش يۇقىرى قان بېسىم، سېمىزلىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ئۇچرايدىغان بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشنىڭ نۇرغۇن خەۋپ-خەتەر ئامىللىرىغا ئۈنۈملۈك قارشى تۇرالايدۇ. يۈگۈرۈش يەنە ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ، بۇ ساغلاملىقنى ساقلاشنىڭ ئەڭ روشەن بەلگىسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر